دانىيەدە مۇقەددەس كىتابلارغا ھۇجۇم قىلىش قانۇنغا خىلاپ

دانىيەدە مۇقەددەس كىتابلارنى كۆيدۈرۈش ۋە بۇ كىتابلارغا ھۇجۇم قىلىشنى قانۇنغا خىلاپ ھېسابلايدىغان قانۇن لايىھەسى قوبۇل قىلىندى.

2074229
دانىيەدە مۇقەددەس كىتابلارغا ھۇجۇم قىلىش قانۇنغا خىلاپ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دانىيە پارلامېنتىدا، مۇقەددەس كىتابلارنى كۆيدۈرۈش ۋە بۇ كىتابلارغا ھۇجۇم قىلىشنى قانۇنغا خىلاپ ھېسابلايدىغان قانۇن لايىھەسى ئاۋازغا قويۇلدى.

دانىيە پارلامېنتىنىڭ 77 ئەزاسى  قانۇن لايىھەسىنى رەت قىلىپ، 94 ئەزاسى قوبۇل قىلىپ ئاۋاز تاشلىدى.

مەزكۇر قانۇن بىلەن، دانىيەدە قۇرئان كەرىم ۋە باشقا مۇقەددەس كىتابلارنى كۆيدۈرۈش، ھۇجۇم قىلىش ۋە دىنىي مەنىۋىيەتلەرگە مۇۋاپىق بولمىغان مۇئامىلە قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ. بۇ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلارغا جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى ئىككى يىلغا يېقىن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندۇ.

دانىيە ئايال پادىشاھى 2-مارگرېت قانۇننىڭ كۈچكە ئىگە بولۇشى ئۈچۈن تەستىقلىشى كېرەك.

شىۋېتسىيە بىلەن دانىيەدە يېقىنقى كۈنلەردە قۇرئان كەرىمگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى كۆپىيىپ قالغان بولۇپ، ھۆكۈمەتلەرنىڭ بۇنىڭغا رۇخسەت قىلىشى قاتتىق نارازىلىقلارغا سەۋەب بولغان ئىدى.

دانىيەنىڭ ئاشقۇن ئوڭچى سىياسەتچىسى راسمۇس پالۇدان 2022-يىلى پاسكال بايرىمى بويىچە شىۋېتسىيەنىڭ مالمۆ، نوركۆپىن، ژۆنكۆپىڭ قاتارلىق شەھەرلەر بىلەن پايتەخت ستوكھولمدا قۇرئان كۆيدۈرۈش ئىغۋاگەرچىلىكىنى داۋاملاشتۇرغان ئىدى.

ئۇ 21-يانۋار (2023) تۈركىيەنىڭ ستوكھولم ئەلچىخانىسى، 27-يانۋار كوپېنھاگېن ئەلچىخانىسى ئالدىدا قۇرئان كەرىم كۆيدۈرگەن ئىدى.

ستوكھولمدا ئەسلى ئىراقلىق بولغان سالۋان مومىكا قۇرئان ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى (2023-يىلى 28-ئىيۇن) ستوكھولم جامەسىنىڭ ئالدىدا ساقچىلارنىڭ قوغدىشى ئاستىدا قۇرئان كەرىم كۆيدۈرگەن ئىدى.

سالۋان مومىكا بۇنىڭ بىلەن قالماي، 20-ئىيۇل (2023) دا ئىراقنىڭ ستوكھولمدىكى ئەلچىخانىسى ئالدىدا، 31-ئىيۇل شىۋېتسىيە پارلامېنتى ئالدىدا ساقچىلارنىڭ قوغدىشى ئاستىدا قۇرئان كەرىم بىلەن ئىراق بايرىقىنى كۆيدۈرگەن ئىدى. ئۇ كېيىنچە تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ، 25-26-27- ۋە 29- ئاۋغۇست (2023) كۈنلىرىمۇ ستوكھولمنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا ساقچىلارنىڭ قوغدىشى ئاستىدا قۇرئان كەرىم كۆيدۈرۈشنى داۋاملاشتۇرغان ئىدى.

ئەسلى ئىرانلىق بەھرام مارجانمۇ 3-ئاۋغۇست (2023) ستوكھولمنىڭ ئانگبايبادېت قىرغىقىدا ساقچىلارنىڭ قوغدىشى ئاستىدا قۇرئان كەرىم كۆيدۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر