تۈركىيە سومالىغا قارىتىلغان قورال ئېمبارگوسىنىڭ بىكار قىلىنىشىنى خوشاللىق  بىلەن قارشى ئالدى

تۈركىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 1992-يىلدىن بۇيان سومالىغا يۈرگۈزگەن قورال ئېمبارگوسىنى بىكار قىلىش قارارىنى خوشاللىق  بىلەن قارشى ئالدى.

2071824
تۈركىيە سومالىغا قارىتىلغان قورال ئېمبارگوسىنىڭ بىكار قىلىنىشىنى خوشاللىق  بىلەن قارشى ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ سومالىغا قاراتقان قورال ئېمبارگوسىنى بىكار قىلىش قارارىغا قارىتا يازما بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنىدا 1992-يىلدىن بۇيان سومالىغا قارىتىلغان قورال ئېمبارگوسىنى بىكار قىلىش قارارىنى مەمنۇنلۇق بىلەن قارشى ئالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.  

باياناتتا: «بۇ تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە قارارنىڭ سومالىدا تىنچلىق، پاراۋانلىق ۋە كەلگۈسىگە بولغان كۈچلۈك ئۈمىتنى ياشنىتىدىغان بىر دەۋرنىڭ باشلىنىشى بولۇشىنى ئۈمىت قىلىمىز. تۈركىيە ھەر دائىمقىغا ئوخشاشلا سومالى خەلقىنىڭ يېنىدا بولۇشنى ۋە بۇ يېڭى دەۋردە سومالىنى قوللاپ - قۇۋۋەتلەشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېيلدى.

تۈنۈگۈن 15 ئەزاسى بولغان ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدا سومالىغا قارىتىلغان قورال ئېمبارگوسىنى بىكار قىلىش قارار لايىھىسىگە بېلەت تاشلانغان ۋە بۇ قانۇن لايىھىسى بىردەك قوللاش بىلەن قوبۇل قىلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر