يەتتە دۆلەت گۇرۇھى رۇسىيەگە داۋاملىق ئېمبارگو يۈرگۈزۈش مەسىلىسىدە پۈتۈشتى

يەتتە دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى ئۇكرائىنانى داۋاملىق كۈچلۈك قوللاش ۋە رۇسىيەگە قارىتىلغان ئېغىر ئىقتىسادىي ئېمبارگولارنى داۋاملاشتۇرۇش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.

2061879
يەتتە دۆلەت گۇرۇھى رۇسىيەگە داۋاملىق ئېمبارگو يۈرگۈزۈش مەسىلىسىدە پۈتۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەتتە دۆلەت گۇرۇھىنىڭ 2023 – يىللىق نۆۋەتچى رەئىسى ياپونىيەنىڭ ساھىبخانلىقىدا، پايتەخت توكيودا يەتتە دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى چاقىرىلدى.

ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى كامىكاۋا يوكو رىياسەتچىلىك قىلغان يىغىنغا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، كانادا، گېرمانىيە، ئىتالىيە، ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى قاتناشتى.

يىغىننىڭ «ئۇكرائىنا» تېمىلىق بۆلۈمىدە، يەتتە دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇكرائىنانى داۋاملىق كۈچلۈك قوللاش ۋە رۇسىيەگە قارىتىلغان ئېغىر ئىقتىسادىي ئېمبارگولارنى داۋاملاشتۇرۇش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.

مىنىستىرلار 2022-يىلى 2-ئايدىن بۇيان رۇسىيەنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراۋاتقان ئۇكرائىنانى ئوتتۇرا ۋە ئۇزاق مەزگىلدە قايتا قۇرۇپ چىقىش خىزمىتىنىڭ كۈچەيتىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر