پۇتىن: يەھۇىيلارغا ھۇجۇم قىلىش بىلەن پەلەستىنگە ياردەم قىلغىلى بولمايدۇ

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن پەلەستىندە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ئۈستىدە توختىلىپ: «مىڭلىغان بىگۇناھ كىشىلەر قالايمىقان ئۆلتۈرۈلگەن غەززەدە يۈز بەرگەن دەھشەتلىك ۋەقەلەرنىڭ ھېچقانداق توغرا تەرىپى يوق» دېدى.

2058281
پۇتىن: يەھۇىيلارغا ھۇجۇم قىلىش بىلەن پەلەستىنگە ياردەم قىلغىلى بولمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پۇتىن رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ داغىستان ئاپتونوم رايونىدىكى ئايرودۇرۇمدا ئىسرائىلىيەدىن كەلگەن ئايروپىلان سەۋەبىدىن نامايىشچىلار بىلەن بىخەتەرلىك قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن سۈركىلىش توغرىسىدا ئېچىلغان يىغىندا سۆز قىلدى.

ئۇ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۆزگىرىشلەردىن رۇسىيەگە قارشى پايدىلىنىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ: «ئۇلار بۇ مەقسەتتە يالغانچىلىق، ئىغۋاگەرچىلىك، مۇرەككەپ، تاجاۋۇزچىلىق پىسخىكىسى ۋە ساختا ئۇچۇر ئامىللىرىدىن پايدىلىنىۋاتىدۇ» دېدى.

ئۇ ئوتتۇرا شەرقتىكى يېڭى كىرىزىسنىڭ ئىسرائىلىيەگە قىلىنغان ھۇجۇمدىن باشلانغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، سۆزىنى تۆۋەندىكىدەك داۋام قىلدى:

«ناھايىتى ئەپسۇسكى بىز جىنايەتچىلەر ۋە تېررورچىلارنى جازالاشنىڭ ئورنىغا، كوللېكتىپ مەسئۇلىيەت پىرىنسىپىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. غەززە رايونىدا يۈز مىڭلىغان بىگۇناھ كىشىلەر قالايمىقان ئۆلتۈرۈلگەن دەھشەتلىك ۋەقەلەرنىڭ ھېچقانداق توغرا تەرىپى يوق. ئۇلارنىڭ بومباردىمانلاردىن قېچىپ يوشۇرۇنغۇدەك ھېچقانداق يېرى يوق.»

ئۇ پەلەستىندە پۇقرالارنىڭ ئۆلۈمى سەۋەبىدىن قايغۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ:  «تىنى قانغان بويالغان بالىلارغا، ئۆلۈك بالىلارغا، ئاياللار ۋە ياشانغانلارنىڭ قانداق ئازاب-ئوقۇبەت چېكىۋاتقانلىقىغا، ساقلىق ساقلاش خادىملىرىنىڭ قانداق ئۆلگەنلىكىگە قارىغىنىمىزدا، ئەلۋەتتە مۇشتىڭىزنى سىقىسىز ۋە كۆزىڭىزگە ياش كېلىدۇ، بۇنى ئىپادىلەشنىڭ باشقا ئامالى يوق» دېدى.

ئۇ داغىستاندىكى ماخاچقەلئە ئايرودۇرۇمىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ئۈستىدە توختالدى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«ماخاچقەلئەدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر، ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا، بولۇپمۇ ئۇكرائىنا زېمىنلىرىدىن، غەرب ئاگېنتلىقلىرىدىن چىقتى. داغىستاندا ياشايدىغان تاغ يەھۇدىيلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، پەلەستىنگە ياردەم قىلغىلى بولمايدۇ. پەلەستىنگە ياردەم قىلىشنىڭ بىردىنبىر يولى، بۇ تىراگېدىيەنىڭ ئارقىسىدىكىلەرگە قارشى كۈرەش قىلىشتۇر. بىز رۇسىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئالاھىدە ھەربىي ھەرىكەت رامكىسىدا ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتىمىز. بىز ھەم ئۆزىمىز ھەمدە ھەقىقىي ئەركىنلىكنى خالايدىغانلار ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىۋاتىمىز. ھېسسىيات بىلەن ھەرىكەت قىلماسلىقنى تەكىتلەيمەن. ئوتتۇرا شەرق ۋە دۇنيانىڭ باشقا رايونلىرىدىكى خەلقلەر باشتىن كەچۈرۈۋاتقان تىراگېدىيەلەرنىڭ ئارقىسىدا ھەقىقىي كىمنىڭ بارلىقىنى، ئۆلۈمگە تولغان قالايمىقانچىلىقلارنى كىمنىڭ پىلانلاۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدىن كىمنىڭ مەنپەئەتكە ئېرىشىۋاتقانلىقىنى بىلىشىمىز كېرەك. ئامېرىكانىڭ ھازىرقى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە ئۇلارنىڭ قورچاقلىرى، دۇنيا مۇقىمسىزلىقىدىن ئەڭ كۆپ نەپكە ئېرىشكۈچىلەر ھېسابلىنىدۇ. بۇلاردىن قانغا تولغان پايدىلىرىنى قولغا كەلتۈرىدۇ.»

ئۇ ئاخىرىدا، ئامېرىكانىڭ دۇنياۋى كۈچ سۈپىتىدە ئاجىزلىغانلىقىنى، بۇ سەۋەبتىن رۇسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا رەقىپلىرىدە قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىش يولى بىلەن مۇقىملىققا زىيان سېلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر