دۇنيادا غەززەگە مۇناسىۋەتلىك دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلار داۋاملاشماقتا

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەندە، غەززەدە پۇقرالارنىڭ قوغدىلىشىنى، رايونغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى يەتكۈزۈشنى كۆپەيتىشنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

2057688
دۇنيادا غەززەگە مۇناسىۋەتلىك دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلار داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي بايانات ئېلان قىلىپ، پىرېزىدېنت بايدىننىڭ نېتانياھۇ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، پىرېزىدېنت بايدىننىڭ، «ئىسىرائىلىيەنىڭ تېررورلۇققا قارشى پۇقرالىرىنى قوغداشتا ھەر تۈرلۈك ھوقۇقى ۋە مەسئۇلىيىتىنىڭ بارلىقىنى، بۇنىڭ خەلقئارالىق ئىنسانىي ھەق-ھوقۇق رامكىسىدا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى» دېيىلدى.

باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى: «پىرېزىدېنت بايدىن غەززەدىكى پۇقرالىرىنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قامداش ئۈچۈن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ يەتكۈزۈلۈشىنى دەرھال ۋە مۇھىم مىقداردا كۆپەيتىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئىككى رەھبەر قەرەللىك ھالدا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇش مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلدى.»

ئاقساراي دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى جېيك سۇللىۋانمۇ خەلقئارا قانۇن بويىچە دوختۇرخانىلارنىڭ ھۇجۇم نىشانى قىلىنماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، دوختۇرخانىلارنىڭ ھەربىي نىشان ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

گوللاندىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى مارك رۇتتې ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەندە، غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى يەتكۈزۈشكە رۇخسەت قىلىشنى ۋە ھەربىي ھەرىكەتتە سالماق بولۇشنى چاقىرىق قىلدى.

ئۇ يەنە كۆرۈشۈشتە، ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارە تەلىپىنى تىلغا ئالدى.

ئۇ ئەنگلىيە باش ۋەزىرى رىشى سۇناك بىلەنمۇ كۆرۈشۈپ، غەززەدىكى ئىنسانىي ۋەزىيەت مەسىلىلىرىنىمۇ مۇزاكىرە قىلدى.

ئۇ «مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتى» مەسىلىسىدە، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بىلەن ئوخشاش پىكىرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون بىلەن كۆرۈشكەندە، ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارەسىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون ئېكس (X) تاراتقۇسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، غەززە خەلقىنى قوغداش ئۈچۈن ئىنسانىي ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقىنى تەكرارلىدى.

ئالجىرىيە پىرېزىدېنتى ئابدۇلمەجىد تەببۇن پەلەستىنلىكلەرنىڭ تېررورىست ئەمەسلىكىنى، ئۇلارنىڭ ۋەتىنىنى قوغداۋاتقانلىقىنى، غەززەدە يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ پۈتۈنلەي ئۇرۇش جىنايىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىسىرائىلىيەنىڭ 7-ئۆكتەبىر (2023) دىن بۇيان غەززەدە قىلغان بومباردىمانلاردا 8 مىڭدىن ئارتۇق كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 20 مىڭدىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر