گراھام: ئۇكرائىنانى قوللىمىساق تەيۋەن قولدىن كېتىدۇ

جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى لىندسېي گراھام (Lindsey Graham) ئامېرىكا ئۇكرائىنانى قوللاشتىن ۋاز كەچكەن ئەھۋالدا، ئافغانىستاندىن چېكىنىش قارارىدىن «10 ھەسسە چوڭ خاتالىق» بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

2045513
گراھام: ئۇكرائىنانى قوللىمىساق تەيۋەن قولدىن كېتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كېڭەش پالاتا ئەزاسى لىندسېي گراھام ئامېرىكا س ب ئېس (CBS) تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، رۇسىيەگە قارشى ئۇكرائىناغا قىلىنىۋاتقان ياردەملەرنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى ۋە ئامېرىكانىڭ جەنۇبىي چېگراسىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈستىدىمۇ توختالدى.

ئۇ تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشتا ئەڭ چوڭ خاتالىقنىڭ 2020-يىلى ئافغانىستاندىن چېكىنىش بىلەن ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «ئۇكرائىنانى قوللاشتىن ۋاز كەچسەك، بۇ ئافغانىستاندىن چېكىنىش قارارىدىن 10 ھەسسە چوڭ خاتالىق بولىدۇ »دېدى.

ئۇ ئۇكرائىنانى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللاشنى توختىتىشنىڭ تەيۋەن ئۈچۈن ئېيتقاندا ئۆلۈم جازاسى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «ئۇرۇشنىڭ كۆلىمى كىچىكلەشنىڭ ئورنىغا بارغانسېرى چوڭىيىۋاتىدۇ، تەيۋەن قولدىن كېتىۋاتىدۇ. ئۇكرائىنا رۇسىيەنى يەڭسە، خىتاينىڭ تەيۋەننى ئىشغال قىلىش مۇمكىنچىلىكى ئازىيىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، پۇتىن (رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن) نى توختاتقىلى بولىدۇ» دېدى.

ئۇ كونگرەدە جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئۇكرائىنانى چېگرا خەۋپسىزلىكى ئۈچۈن ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر