مېكسىكادا چېركاۋنىڭ ئۆگزىسى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

مېكسىكادا بىر چېركاۋنىڭ ئۆگزىسى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، توققۇز ئادەم قازا قىلدى، 50 ئادەم يارىلاندى.

2044956
مېكسىكادا چېركاۋنىڭ ئۆگزىسى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېكسىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، چىئۇداد مادېرو رايونىدىكى سانتا كرۇز چېركاۋىنىڭ ئۆگزىسى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، توققۇز ئادەم قازا قىلغان، 50 ئادەم يارىلانغان، يارىدارلار دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

دېڭىز بويىغا جايلاشقان تامائۇلىپاس ئۆلكىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەن ۋاقىتتا چېركاۋدا تەخمىنەن 100 كىشى بار بولۇپ، ۋەقەدە ئۈچ بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان توققۇز ئادەم قازا قىلغان، 50 ئادەم يارىلانغان، خارابىلىك ئاستىدا قالغان تەخمىنەن 30 ئادەمنى  ئىزدەش – قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر