ئىمرانخان راۋالپىندىدىكى تۈرمىگە يۆتكەلدى

پاكىستاننىڭ سابىق باش مىنىستىرى ئىمرانخان تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئاتتوك تۈرمىسىدىن پايتەخت ئىسلامئابادقا قوشنا راۋالپىندىغا جايلاشقان ئادىيالا تۈرمىسىگە يۆتكەلدى.

2042932
ئىمرانخان راۋالپىندىدىكى تۈرمىگە يۆتكەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئىسلامئاباد ئالىي سوت مەھكىمىسى ئىمرانخاننىڭ ئادۋوكاتلىرىنىڭ تەلىپى بويىچە ئۇنى ئىسلامئابادقا قوشنا راۋالپىندىدىكى تۈرمىگە يۆتكەشنى قارار قىلغان. ئىمرانخان ئوق ئۆتمەس ئاپتوموبىلدا ئاتتوك تۈرمىسىدىن راۋالپىندىدىكى ئادىيالا تۈرمىسىگە ئاپىرىلغان.

 ئىسلامئاباد ئالىي سوت مەھكىمىسى ئىمرانخان بىلەن سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شاھ مەھمۇت قۇرەيشىنىڭ «دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى سەۋەبىدىن تۇتۇپ تۇرۇلۇش ۋاقتىنى 10-ئۆكتەبىر (2023) گىچە 14 كۈن ئۇزارتتى.

پاكىستان ساقچىلىرى 5-ئاۋغۇست (2023) ئىمرانخاننى لاھور شەھىرىدىكى ئۆيىدە قولغا ئالغان ئىدى.

ئىمرانخان ئۈستىدىن چىقىرىلغان ئۈچ يىللىق قاماق جازاسى 29-ئاۋغۇست (2023) كېچىكتۈرۈلگەنلىكى سەۋەبىدىن كاپالەت بىلەن قويۇپ بېرىلگەن ئىدى. ئەمما ئۇ، شۇ كۈننىڭ ئەتىسى تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەلىپى بويىچە «دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ قايتىدىن تۇتۇلغان ئىدى.

سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قۇرەيشىمۇ ئوخشاش جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ 19-ئاۋغۇست ئىسلامئابادتىكى ئۆيىدە قولغا ئېلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر