ماراكەشتە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە  ئۆلگەنلەر سانى 1037 گە يەتتى

ماراكەشتە يۈز بەرگەن 7 بال چوڭلۇقتىكى يەر تەۋرەشتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 1037 گە يەتتى.

2035160
ماراكەشتە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە  ئۆلگەنلەر سانى 1037 گە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماراكەش دۆلەتلىك گېيوفىزىكا ئىنستىتۇتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ماراكەشنىڭ  شىمالىدىكى ئەلھۇز رايونىدا 7 بال چوڭلۇقتا، 8 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا  يەر تەۋرىگەن.

ماراكەش ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، ماراكەشنىڭ نۇرغۇن شەھەرلىرىگە تەسىر كۆرسەتكەن يەر تەۋرەشتە، ماراكەش، ئازىلال، ئاغادىر ۋە چىچائو شەھەرلىرىدە 1037 كىشى قازا قىلغان.

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ماراكەشتە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىن تالاپەتكە ئۇچرىغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان تەزىيە باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ماراكەشتە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە تالاپەتكە ئۇچرىغان بارلىق ماراكەش خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىمەن. يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيمەن. بۇ مۇشەققەتلىك كۈنلەردە پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ماراكەشلىق قېرىنداشلىرىمىزغا  يار - يۆلەك بولىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر