بىرازىلىيەدە 9 كىشىنىڭ كۆيگەن جەسىتى تېپىلدى

بىرازىلىيەنىڭ باخيا ئۆلكىسىدە ئۈچ كىچىك بالىنى قوشقاندا، جەمئىي 9 كىشىنىڭ كۆيگەن جەسىتى تېپىلدى.

2032304
بىرازىلىيەدە 9 كىشىنىڭ كۆيگەن جەسىتى تېپىلدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: دۆلەت مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، باخيا ئۆلكىسىنىڭ سان جوۋ يېزىسىدىكى ئىككى ئۆيدىن 9 كىشىنىڭ جەسىتى تېپىلغان.

جەسەتلىرى كۆيۈپ كەتكەن ھالدا تېپىلغان كىشىلەرنىڭ  ئۈچى كىچىك بالا ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ۋەقەگە قارىتا كەڭ كۆلەملىك تەكشۈرۈش باشلاندى. جەسەتلەر كىملىكىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ساقچى دوختۇرخانىسىغا يوللاندى.

بۇ جىنايەتلەر زەھەرلىك چېكىملىك ​​ئەتكەسچىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ۋە ھېسابلىشىش جەريانىدا سادىر قىلىنغان، دەپ قارالماقتا.

ئۆتكەن يىلىمۇ بىرازىلىيەنىڭ زوراۋانلىق ئەڭ كۆپ ئۆلكىلىرىنىڭ بىرسى دەپ ئاتالغان باخيادا 6600 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر