ھىندىستاندا كۆۋرۈك ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ 17 ئادەم قازا قىلدى

ھىندىستاننىڭ مىزورام ئۆلكىسىنىڭ ئايزاۋل رايونىدا قۇرۇلۇش باسقۇچىدىكى تۆمۈر يول كۆۋرۈكى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، 17 ئىشچى قازا قىلدى.

2028206
ھىندىستاندا كۆۋرۈك ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ 17 ئادەم قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇ ۋەقە ئايزاۋل رايونىدىن تەخمىنەن 20 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى سايراڭ بازىرىدا يۈز بەردى.

ساقچى تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، قۇرۇلۇشى تېخى پۈتمىگەن تۆمۈر يول كۆۋرۈكى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، 17 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان.

ۋەقە يۈز بەرگەندە قۇرۇلۇش ئورنىدا تەخمىنەن 40 ئىشچى ئىشلەۋاتقان بولۇپ، خارابىلىكنىڭ ئاستىدا قاپسىلىپ قالغانلارنى ئىزدەش - قۇتقۇزۇش خىزمىتى داۋاملاشماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر