ئامېرىكا نىگېردا مۇھىم دۆلەت مەنپەئەتلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (پېنتاگون) باياناتچىسى سابرىنا سىنگى نىگېرنىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن ھالقىلىق شېرىك ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇ يەردىكى ھەربىي بازىلارغا نەچچە يۈز مىليون دوللار مەبلەغ سالغانلىقىنى بىلدۈردى.

2025829
ئامېرىكا نىگېردا مۇھىم دۆلەت مەنپەئەتلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (پېنتاگون) باياناتچىسى سابرىنا سىنگى نىگېرنىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن ھالقىلىق شېرىك ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇ يەردىكى ھەربىي بازىلارغا نەچچە يۈز مىليون دوللار مەبلەغ سالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «بىز نىگېردىكى ۋەزىيەتنىڭ ھەربىي ئارىلىشىش بىلەن ئاخىرلىشىشىنى خالىمايمىز» دېدى.

ئۇ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئامېرىكانىڭ نىگېردا يۈز بېرىۋاتقان ۋەزىيەتنى داۋاملىق كۆزىتىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ دۆلەتتە ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش دېيىشكە ئىنتايىن يېقىنلاشقانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىنىڭ مەسىلىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «نىگېر بىز ئۈچۈن رايوندىكى ئىنتايىن ھالقىلىق شېرىك، شۇڭا بىز مەسىلىنى دىپلوماتىك ئۇسۇلدا ھەل قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.

ئۇ ئامېرىكانىڭ رايوندا مال-مۈلكى ۋە مەنپەئەتى بارلىقىنى، ئۆزىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى ۋە ئىتتىپاقداشلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداشقا ئالدىن ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ ئامېرىكانىڭ نىگېردىكى ھەربىي بازىلارغا نەچچە يۈز مىليون دوللار مەبلەغ سالغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ دۆلەتتە تىنچ ھەل قىلىش چارىسىنى كۆرۈشنى خالايدىغانلىقلىرىنى ۋە ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن باياناتچىسى ۋېدانت پاتېلمۇ ئامېرىكانىڭ نىگېردىكى يېڭى باش ئەلچىسى كاتلېئېن فىتز گىببون (Kathleen FitzGibbon) نىڭ پايتەخت نىئامېيغا بارىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ باش ئەلچى فىتز گىببوننىڭ نىئامېيغا بېرىشىنىڭ «ئامېرىكانىڭ ئورنىدا ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدىغانلىقى» ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر