پاكىستاندا يۈز بەرگەن پويىز ۋەقەسىدە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى ئاشتى

پاكىستاننىڭ ناۋابشاھ شەھىرى ئەتراپىدا بىر يولۇچىلار پويىزىنىڭ رېلىستىن چىقىپ كېتىشى نەتىجىسىدە 30 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 90 دىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى.

2021095
پاكىستاندا يۈز بەرگەن پويىز ۋەقەسىدە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان تۆمۈر يول مىنىستىرى خاۋاقا سائاد رافىق مۇخبىرلارغا مەلۇمات بېرىپ، كاراچىدىن راۋالپىندىغا قاراپ يولغا چىققان يولۇچىلار پويىزىنىڭ 10 ۋاگونىنىڭ ناۋابشاھ شەھىرى ئەتراپىدا رېلىستىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ۋەقەنىڭ «تېخنىكىلىق كاشىلا» ياكى «بۇزغۇنچىلىق »سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتتى.

پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شەرىف پويىز ۋەقەسىدە جېنىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت تىلىدى.

ئۇ: «ھەممىمىز دۇئا قىلىۋاتىمىز، ئاللاھ جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ھەممىسىگە جەننەت ئاتا قىلسۇن، يارىلانغانلارغا ئاللاھتىن شىپالىق تىلەيمەن» دېدى.

ۋەقە يۈز بەرگەندە، پويىزدا قانچە كىشىنىڭ بارلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى.

پاكىستاندا 2021-يىلى ئىيۇن ئېيىدىمۇ ئىككى پويىز ئۆزئارا سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە 63 يولۇچى جېنىدىن ئايرىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر