پاكىستاندا يولۇچىلار پويىزى رېلىستىن چىقىپ كېتىپ، 28 كىشى قازا قىلدى

پاكىستاننىڭ ناۋابشاھ شەھىرى ئەتراپىدا بىر يولۇچىلار پويىزى رېلىستىن چىقىپ كېتىپ، 28 كىشى قازا قىلدى ۋە 50  كىشى يارىلاندى.

2020898
پاكىستاندا يولۇچىلار پويىزى رېلىستىن چىقىپ كېتىپ، 28 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: پاكىستان تۆمۈر يول مىنىستىرى خاۋاجا سائاد رافىق كاراچىدىن راۋالپىندىغا قاراپ يولغا چىققان ھازارا تېز پويىزىنىڭ 10 ۋاگونىنىڭ ناۋابشاھ ئەتراپىدا رېلىستىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

رافىق بۇ ھادىسىنىڭ «تېخنىكىلىق كاشىلا» ياكى «بۇزغۇنچىلىق» نەتىجىسىدە يۈز بەرگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرۈپ، 28 جەسەت ۋە 50 يارىلانغان كىشىنىڭ ناۋابشاھ شۇنداقلا سانگار رايونى ئەتراپتىكى دوختۇرخانىلارغا يەتكۈزۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ئارمىيە ۋە يېرىم ھەربىي قىسىملار ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئۈچۈن نەق مەيدانغا چاقىرىلدى.

ۋەقە جەريانىدا، پويىزدا قانچە كىشىنىڭ بارلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى. ئەمما يەرلىك مەتبۇئاتلار نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھازىرمۇ ۋاگونلاردا قاپسېلىپ قالغانلىقىنى ۋە قازا قىلغانلار سانىنىڭ ئېشىشى مۇمكىنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

پاكىستاندا 2021-يىلى ئىيۇن ئېيىدىمۇ، ئىككى پويىز سوقۇشۇپ كېتىپ، 63 يولۇچى قازا قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر