ئېلون ماسك تۋىتتېرنىڭ لوگوسىنى ئالماشتۇرماقچى

تۋىتتېرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسى ئېلون ماسك تۋىتتېرنىڭ كلاسسىك «قۇش» لوگوسىنىڭ «X» ھەرىپىگە ئالماشتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2015290
ئېلون ماسك تۋىتتېرنىڭ لوگوسىنى ئالماشتۇرماقچى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكالىق كارخانىچى ئېلون ماسك تۋىتتېردا ھەمبەھرلىگەن ئۇچۇرىدا: «بىز پات يېقىندا تۋىتتېر ماركىسى، يەنى بارلىق قۇشلار بىلەن ئاستا-ئاستا ۋىدالىشىمىز» دېدى.

ئۇ يەنە بىر ئۇچۇرىدا، تۋىتتېر ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان يېڭى لوگونى كۆرسىتىپ: «بۇ كېچە <X> لوگوسى كۆپ ھەمبەھرلەنسە، ئەتە پۈتكۈل دۇنيادا X بىلەن ئېچىلىمىز» دېدى.

ئېلون ماسك سپېيس ئېكس (SpaceX) شىركىتى ۋە تېسلانىڭ خوجايىنى بولۇپ، تۋىتتېرنى 2022-يىلى ئۆكتەبىردە سېتىۋالغان ئىدى. ئۇ شۇ كۈندىن باشلاپ تۋىتتېردا كەسكىن ئۆزگەرتىشلەرنى ئېلىپ بارغان ئىدى.

ئۇ بۇ يىل (2023) نىڭ بېشىدا، تۋىتتېرنىڭ لوگوسىنى كرىپتو پۇل دوجكوين (Dogecoin) نىڭ ئىت لوگوسىغا قىسقا ۋاقىت ئالماشتۇرغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر