سومالىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششابابنىڭ 40 تىن ئارتۇق ئەزاسى ئۇجۇقتۇرۇلدى

سومالى ئارمىيەسى ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇق ھەرىكىتىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششابابنىڭ 40 تىن ئارتۇق ئەزاسىنى بىر تەرەپ قىلدى.

2008952
سومالىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششابابنىڭ 40 تىن ئارتۇق ئەزاسى ئۇجۇقتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى:  سومالى ئۇچۇر – ئالاقە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، تۆۋەنكى جۇبا رايونىنىڭ ۋېلمارو يېزىسىدا خەلقئارالىق ئىتتىپاقداش قىسىملارنىڭ قوللىشى بىلەن ئەششابابقا قارشى ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇق ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغان.

 داناب قۇرۇقلۇق ئالاھىدە قىسىملىرىنىڭ ھەرىكىتىدە، ئەششابابنىڭ 40 تىن ئارتۇق ئەزاسى ئۆلتۈرۈلگەن.

ئامېرىكا پات- پات ھاۋا ياردىمى بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتقان سومالى ئارمىيەسى، يېقىنقى ئايلاردىن بۇيان ئەششابابقا قارشى ھەرىكىتىنى كۈچەيتكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر