سومالىدا ئۆكتىچىلەر بىلەن ئەسكەرلەر ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى

سومالىنىڭ پونتلاند ئۆلكىسىنىڭ پايتەختى گاروۋې شەھىرىدە ئەسكەرلەر بىلەن ھۆكۈمەتكە قارشى ئۆكتىچىلەر ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 26 ئادەم قازا قىلدى، 30 ئادەم يارىلاندى.

2002577
سومالىدا ئۆكتىچىلەر بىلەن ئەسكەرلەر ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سومالى تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، پونتلاند ئىشتاتلىق پارلامېنتىدا ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقاندا ئۆكتىچىلەر بىلەن ئەسكەرلەر ئوتتۇرىسىدا قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەرگەن.

ئاممىۋى تاراتقۇلاردا تارقالغان كۆرۈنۈشلەرگە قارىغاندا، ئۆكتىچىلەر پارلامېنت بىناسىغا ھۇجۇم قىلغان، توقۇنۇشلاردا ئېغىر تىپلىق قوراللار ئىشلىتىلگەن.

توقۇنۇشتا 26 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، 30 ئادەم يارىلانغان.

پارلامېنتتىكى 35 ۋەكىلدىن 34 ى ئۆلكىلىك ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش تەكلىپىنى قوبۇل قىلغان.

ئىگىلىنىشىچە، ئۆكتىچىلەر ئۆلكە رەئىسى سەئىد ئابدۇللاھ دېنىنىڭ ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش تەكلىپى ئارقىلىق ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى ئۇزارتىشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر