سەئۇدى ئەرەبىستان خەلقئارالىق سۇدانغا ياردەم يىغىنى چاقىرىدۇ

سەئۇدى ئەرەبىستان 19-ئىيۇن كۈنى سۇدان ۋە رايونغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بېرىش ئۈچۈن خەلقئارالىق يىغىن چاقىرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

1999572
سەئۇدى ئەرەبىستان خەلقئارالىق سۇدانغا ياردەم يىغىنى چاقىرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار ۋىزارىتى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ 19-ئىيۇن كۈنى سۇدان ۋە رايونغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پائالىيەتلىرىنى قوللاش ئۈچۈن چاقىرىلىدىغان باشلىقلار يىغىنىغا تەڭ ھوقۇقلۇق رەئىس سۈپىتىدە رىياسەتچىلىك قىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

باياناتتا، يىغىنغا ياۋروپا ئىتتىپاقى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارلىقى، قاتار، مىسىر ۋە گېرمانىيەنىڭ قاتنىشىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا يەنە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پادىشاھ سەلمان بىن ئابدۇلئەزىزنىڭ يوليۇرۇقىغا ئاساسەن سۇدانغا   100 مىليون دوللار قىممىتىدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر