دونالد ترامپ فېدېراتسىيە سوت مەھكىمىسىدە سوتقا تارتىلدى

ئامېرىكانىڭ سابىق پرېزىدېنتى دونالد ترامپ مىئامىدىكى فېدېراتسىيە سوت مەھكىمىسىدە دۆلەتنىڭ مەخپىي ھۆججەتلىرىنى يوشۇرغانلىقى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلدى.

1999635
دونالد ترامپ فېدېراتسىيە سوت مەھكىمىسىدە سوتقا تارتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ئامېرىكا سابىق پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ كەڭ كۆلەملىك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئاستىدا سوتقا يېتىپ باردى، ئۇنىڭغا «دۆلەتنىڭ مەخپىي ھۆججەتلىرىنى يوشۇرۇش ۋە بۇ مەسىلە توغرىسىدىكى تەكشۈرۈشكە توسقۇنلۇق قىلىش» قاتارلىق 37 ئايرىم ئەيىبلەش ئوقۇپ ئۆتۈلدى.

ترامپ ئەيىبلەشلەرنى ئۈن-تىنسىز ئاڭلىدى، ئۇنىڭ ئادۋوكاتى تود ۋ. بلانچې بارلىق ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

سوتنى كۆزىتىش ئۈچۈن ئاز ساندىكى ژۇرنالىستلارنىڭ زالغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلىندى. سىنئالغۇ، كامېرا، تېلېفون ۋە كومپيۇتېر قاتارلىق ئاۋاز خاتىرىلەش ئۈسكۈنىلىرىگە رۇخسەت قىلىنمىدى.

تەخمىنەن 50 مىنۇت داۋاملاشقان سوتتىن كېيىن، دونالد ترامپ سىرتتا ساقلاپ تۇرغان قوللىغۇچىلىرىنىڭ خۇشاللىق سادالىرى ئارىسىدا ئاپتوموبىل ئەترىتى بىلەن سوت مەھكىمىسىدىن ئايرىلدى.

ترامپ ئاپرېل (2023) دا ئىشتاتلىق جىنايى ئەيىبلەشلەر ئۈچۈن تۇنجى قېتىم نيۇ يوركتا سوتقا قاتناشقان بولۇپ، ئۇ تۈنۈگۈنمۇ فېدېراتسىيە سوتىنىڭ ئەيىبلەشلىرى بىلەن «ئىككىنچى قېتىم سوتقا تارتىلغان سابىق پىرېزىدېنت» سۈپىتىدە تارىختىن ئورۇن ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر