سۇداندىكى قانلىق تۇقۇنۇشلار تۈنۈگۈن قايتىدىن ئەۋج ئالدى

تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان بىر ھەپتىلىك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قارىماستىن توقۇنۇشلار تۈنۈگۈن (2023-يىلى 27-ماي) قايتىدىن يۇقىرى پەللىگە چىقتى.

1991795
سۇداندىكى قانلىق تۇقۇنۇشلار تۈنۈگۈن قايتىدىن ئەۋج ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: سۇداندا ئاپرېلنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان ئارمىيە بىلەن يېرىم ھەربىي تېز قوللاش ئەترىتى (HDK) ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش، ئامېرىكا ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مۇرەسسە قىلىشى بىلەن 22-ماي (2023) دا ئىمزالانغان بىر ھەپتىلىك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە شۇنداقلا ئامېرىكانىڭ ئېمبارگو تەھدىتىگە قارىماستىن تۈنۈگۈن قايتىدىن ئەۋج ئالدى.

شاھىتلارنىڭ سۆزىگە ئاساسلانغاندا، پايتەخت خارتۇمنىڭ غەربىگە جايلاشقان مۇگرېن مەھەللىسى ھەر ئىككى تەرەپ ئېغىر تىپلىق قوراللارنى ئىشلەتكەن توقۇنۇشلارغا سەھنە بولغان. ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى پايتەخت ئاسمىنىدا توختىماي ئۇچقان ۋە رايوندا شىددەتلىك پارتلاشلار ئاڭلانغان.

تەرەپلەر، ئامېرىكا ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مۇرەسسەچىلىكىدە 20 - مايدا ئۇرۇش توختىتىشنى ئېلان قىلغان ھەمدە شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 21.45 دىن باشلاپ كېلىشىمنىڭ كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشقان ئىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن ئۇرۇش توختىتىش كۈچكە ئىگە بولۇپ بىر كۈندىن كېيىن، سۇدان گېنېراللىرى ئاخىرقى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئەمەل قىلمىغان تەقدىردە ئېمبارگوغا ئۇچرايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.

سۇدان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن پېنسىيەگە چىققان ئەسكەرلەر ۋە قورال تۇتۇشنى بىلىدىغانلارغا قارىتا سەپەرۋەرلىك ئېلان قىلغان ئىدى.  

پايتەخت خارتۇم ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى توقۇنۇشلار كەسكىنلەشكەن رايونلاردىن دۆلەت ئىچىدىكى بىخەتەر رايونلارغا قېچىشتىن باشقا يەنە، سۈرىيە، يەمەن ۋە مىسىر قاتارلىق سۇداندا پۇقراسى كۆپ دۆلەتلەرنىڭ ئۆز پۇقرالىرىنى تارقاقلاشتۇرۇش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر