گوللاندىيەدىكى نامايىشتا  1579 كىشى نازارەتكە ئېلىندى

گوللاندىيە ساقچىلىرى مەمۇرىي پايتەخت لاھەيدە قاتمال يېقىلغۇ ئىشلىتىشنى توختىتىش ئۈچۈن نامايىش ئۆتكۈزگەن مۇھىت ئاسراش پائالىيەتچىلىرىگە سۇ زەمبىرىكى ئىشلىتىپ تارقىتىۋېتىشكە ئۇرۇندى، 1579 كىشىنى نازارەتكە ئالدى.

1991760
گوللاندىيەدىكى نامايىشتا  1579 كىشى نازارەتكە ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: «يوقىلىش ئىسيانى» ناملىق مۇھىت ئاسراش گۇرۇپپىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن بىر يەرگە جەم بولغان مىڭلىغان كىشى، شەھەرنىڭ كىرىش ئېغىزى بولغان A12 نىڭ ئەڭ ئاخىرقى قىسمىنى تاقاپ، قاتناش لىنىيەسىنىڭ توختاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

نېفىت، كۆمۈر ۋە تەبىئىي گاز ئىشلىتىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان نامايىشچىلار، ھۆكۈمەتنىڭ قاتمال يېقىلغۇ سىياسىتىنى تەنقىد قىلدى.

نامايىشچىلار «قاتمال يېقىلغۇ سانائىتىگە ياردەم بېرىشنى توختات»، «دۇنياغا ياخشى مۇئامىلە قىل» ۋە «قاتماللاشما ئەخمەق» دېگەن لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ ئۇزۇنغىچە يولدا ئولتۇرۇۋېلىپ نارازىلىق بىلدۈردى.

نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن جاينىڭ نامايىش چەكلەنگەن رايون ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ساقچىلار، نامايىشنىڭ باشلىنىشى بىلەن تەڭ نامايىشچىلارنى تارقىتىۋەتمەكچى بولدى.

ساقچىلارنىڭ نامايىشچىلارغا سۇ چېچىپ، ئاگاھلاندۇرۇشىغا قارىماي يول ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىن ئايرىلمىغانلار نازارەتكە ئېلىنىپ، ئاممىۋى ئاپتوبۇسلار بىلەن رايوندىن يىراقلاشتۇرۇلدى.

لاھەي ساقچىلىرى تۋىتتېردا ئېلان قىلغان باياناتىدا، 1579 كىشىنىڭ نازارەتكە ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر