ئامېرىكادا مۇسۇلمانلارغا ئايرىمچىلىق قىلىش قىلمىشلىرى ئەۋج ئېلىپ كەتتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ يېڭى جېرسېي ئىشتاتىدا مۇسۇلمانلارغا ئايرىمچىلىق قىلىش قىلمىشلىرى ھەققىدىكى ئەرز-شىكايەتلەر بۇلتۇر %46 كۆپىيىپ كەتتى.

1989729
ئامېرىكادا مۇسۇلمانلارغا ئايرىمچىلىق قىلىش قىلمىشلىرى ئەۋج ئېلىپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى ئەڭ چوڭ مۇسۇلمان پۇقراۋى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بولغان ئامېرىكا-ئىسلام مۇناسىۋەتلىرى كېڭىشىنىڭ يېڭى جېرسىي ئىشتاتى ئىشخانىسى «سوت مەھكىمىسىنىڭ سىرتىدا قالغان قىلمىشلار» ناملىق يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.

دوكلاتتا ئەسكەرتىلىشىچە، جېرسېي ئىشتاتىدىكى مۇسۇلمانلارغا ئايرىمچىلىق قىلىش قىلمىشلىرى ھەققىدىكى ئەرز-شىكايەتلەر 2022 – يىلى ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %46 كۆپىيىپ كەتكەن.

مۇسۇلمانلاردىن %22.4 كىشى خىزمەت مۇھىتىدا،  %18.4 كىشى ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىلتىماس قىلىش جەريانىدا ئايرىمچىلىق قىلىش قىلمىشلىرىغا دۇچ كەلگەن.

 مەكتەپلەردە مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار ئەڭ كۆپ بوزەك قىلىش، دەرس تەڭسىزلىكى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ گۇمانىي قاراشلىرى قاتارلىق ئايرىمچىلىق قىلىش قىلمىشلىرىغا دۇچ كەلگەن.

دوكلاتنى تەييارلىغۇچىلارنىڭ تەكىتلىشىچە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا 2001-يىلقى 11-سېنتەبىر ھۇجۇملىرىدىن كېيىنلا دۆلەت مىقياسىدا مۇسۇلمانلارغا قارشى ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا ئەۋج ئالغان ئايرىمچىلىق قىلىش قىلمىشلىرى ئارىدىن 20 يىل ئۆتكەندىن كېيىنمۇ داۋاملاشماقتا ئىكەن. بولۇپمۇ مۇسۇلمانلارغا قارشى ئايرىمچىلىق قىلىش قىلمىشلىرىنىڭ شەكلى نۆۋەتتە «مەخپىي گۇمانىي قاراش» قا ئۆزگەرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر