خىتاي ياپونىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى

خىتاي مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سۇن ۋېيدوڭ ياپونىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى تارۇمى خىدېيونى مىنىستىرلىققا چاقىرتىپ، خىروشىما شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن G7 باشلىقلار يىغىنىدا ئېلان قىلىنغان باياناتلارغا نارازىلىق بىلدۈردى.

1989326
خىتاي ياپونىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، مۇئاۋىن مىنىستىر سۇن ۋېيدوڭ باش ئەلچى تارۇمى بىلەن كۆرۈشكەندە، G7 يىغىنىدا خىتايغا تۆھمەت ۋە ھاقارەت خاراكتېرلىك باياناتلارنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ بۇنىڭدىن بىئارام بولغانلىقىنى ۋە نارازىلىقىنى يەتكۈزگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

G7 رەھبەرلەر يىغىنىدا ئېلان قىلىنغان باياناتلارنىڭ خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا، بىخەتەرلىكىگە ۋە تەرەققىيات مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن سۇن فامىلىلىك، توكيو ھۆكۈمىتىنىڭ ساھىبخان بولۇش سۈپىتىدە بۇنىڭغا ھەمكارلاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ياپونىيەنى خىتايغا بولغان تونۇشىنى ئۆزگەرتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئاپتونومىيە ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىغا ئىجابىي پوزىتسىيە تۇتۇشقا چاقىردى.

ئۇ تەيۋەن مەسىلىسىنىڭ خىتاينىڭ ئاساسلىق مەنپەئەتى ئىكەنلىكىنى، بۇ مەسىلىدىكى «قىزىل سىزىق» تىن ھالقىپ كەتمەسلىكىنى تەكىتلەپ، خوڭكوڭ، شىنجاڭ ۋە تىبەتكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنىڭ پۈتۈنلەي خىتاينىڭ  <ئىچكى ئىشلىرى> ئىكەنلىكىنى، ھېچقانداق سىرتقى كۈچلەرنىڭ بۇ مەسىلىلەرگە قالايمىقان ئارىلىشالمايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا مەسئۇلىيەتسىزلەرچە باياناتلارنى ئېلان قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ياپونىيە كىيودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، باش ئەلچى تارۇمى بۇنىڭغا جاۋابەن: «خىتاي مەيدانىنى ئۆزگەرتمىگەن ئەھۋالدا G7 دۆلەتلىرى ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئەگەر خىتاي بۇ مەسىلىلەرنىڭ تىلغا ئېلىنماسلىقىنى ئۈمىد قىلسا، ئىجابىي ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەك» دېگەن.

G7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىدا ئېلان قىلىنغان بىرلەشمە باياناتتا، خىتاي بىلەن بولغان ئىگىلىك ھوقۇقى تالاش-تارتىشىدا بولۇۋاتقان تەيۋەننىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ئۆز ئالدىغا ئۆزگەرتىش ئۇرۇنۇشىغا قارشى تۇرىدىغانلىقلىرى ئەسكەرتىلىپ، خىتاينىڭ يادرو قوراللىرى سانىدىكى كۆپىيىشنىڭ، شەرقىي ۋە جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى، خوڭكوڭ، شىنجاڭ ۋە تىبەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىدىن قايغۇرۇۋاتقانلىقلىرى قەيت قىلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر