مېكسىكادا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

مېكسىكانىڭ خىدالگو ئۆلكىسىدىكى بىر پۇتبول مەيدانىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە ئالتە ئادەم قازا قىلدى.

1987178
مېكسىكادا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىدالگو ساقچى ئىدارىسى باشلىقى ئالېساندرو روسالېس يەكشەنبە كۈنى ئۆلكىگە قاراشلىق ئاتوتونىلكو دېلا بازىرىدىكى بىر پۇتبول مەيدانىنىڭ قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ، ئۈچ نەپىرى 18 ياشتىن تۆۋەن بولۇپ جەمئىي ئالتە ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

نەق مەيداندىكى ئەھۋاللاردىن ۋاقىپ كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۇجۇم جەريانىدا بەزى كىشىلەر يارىلانغان.

دائىرىلەر ھۇجۇمنىڭ سەۋەبىگە ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ئورتاقلاشمىغان بولسىمۇ، يەرلىك ئاھالە ۋەقەنىڭ قوشنا دۆلەتتىكى كىشىلەر بىلەن بولغان دۈشمەنلىكنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان بولۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

2022 - يىلى 9 – ئايدا مېكسىكانىڭ مورېلوس ئۆلكىسىدىكى بىر پۇتبول مۇسابىقىسى جەريانىدا قوراللىق ئۇنسۇرلار پۇتبول مەستانىلىرىنى ئوققا تۇتقان، ۋەقەدە تۆت ئادەم قازا قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر