پاكىستاننىڭ سابىق باش مىنىستىرى ئىمرانخان قولغا ئېلىندى

پاكىستاننىڭ سابىق باش مىنىستىرى ئىمرانخان پايتەخت ئىسلامئابادتىكى ھەربىي قىسىملار تەرىپىدىن قولغا ئېلىندى.

1984438
پاكىستاننىڭ سابىق باش مىنىستىرى ئىمرانخان قولغا ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پاكىستان ئەدلىيە ھەرىكىتى پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى ئىمرانخان لاھوردىن ئۈستىدە ئېچىلغان سوتقا قاتنىشىش ئۈچۈن ئىسلامئابادقا بارغان بولۇپ، ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ سىرتىدا ھەربىي قىسىملار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان.

پاكىستان ئەدلىيە ھەرىكىتى پارتىيەسىنىڭ ئادۋوكاتلىرىنىڭ بىرى فايسال چاۋدرى بۇ خەۋەرنى توغرىلىدى.

ئىمرانخان ئۈستىدىن 90 دىن ئارتۇق ئەرز سۇنۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ قايسى سەۋەب بىلەن قولغا ئېلىنغانلىقى ئېنىق ئەمەس.

پاكىستان ئەدلىيە ھەرىكىتى پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى مۇساررات چىما تۋىتتېردا بايانات ئېلان قىلىپ، ئىمرانخانغا قىيىن-قىستاق قىلىنغانلىقىنى، ئەسكەرلەرنىڭ ئىمرانخاننى ئۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

قولغا ئېلىش ھەرىكىتى،  ئىمرانخان يۇقىرى دەرىجىلىك ئاخبارات ئەمەلدارىنى ئۆزىگە قارىتىلغان قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ ئارقىسىدا دەپ ئەيىبلىگەندىن كېيىن، يۈز بەردى.

پاكىستان ئارمىيەسى تۈنۈگۈن (8-ماي) ئىمرانخاننىڭ قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ ئارقىسىدا يۇقىرى دەرىجىلىك ئاخبارات ئەمەلدارى بار دەپ ئەيىبلىشىنىڭ، «مەسئۇلىيەتسىزلىك ۋە ئاساسسىز» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئىمرانخان 7-ماي ئېلان قىلغان باياناتىدا، باش مىنىستىر شاھباز شەرىف، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى رانا سانائۇللاھ ۋە ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مايور گېنېرال فايسال ناسىرنىڭ ئۆزىگە قارىتىلغان قەستلەپ ئۆلتۈرۈش سۇيىقەستىنىڭ ئارقىسىدا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

ئىمرانخان 28-ئۆكتەبىر بىرلەشمە ھۆكۈمەت مۇددەتتىن ئىلگىرى سايلام ئۆتكۈزۈشنى ئېلان قىلمىغانلىقىنى سەۋەب قىلىپ، لاھوردىن ئىسلامئابادقا پىيادە يۈرۈشنى باشلىغان ئىدى.

11-ئاينىڭ 3-كۈنى ۋەزىرئابادتا يۈز بەرگەن ئوق چىقىرىش ۋەقەسىدە ئىمرانخاننىڭ ئىككى پۇتى يارىلانغان، بىر كىشى جېنىدىن ئايرىلىپ، 13 كىشى يارىلانغان ئىدى.

ئىمرانخان 10-ئاپرېل پارلامېنتتا ئۆتكۈزۈلگەن ئىشەنچ ئاۋازى بېرىشتە، 174 ئاۋازنىڭ رەت قىلىشى نەتىجىسىدە، ھوقۇقىدىن ئايرىلغان ئىدى.

پاكىستاندا ئۈچ نۆۋەت باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسى ئۆتىگەن ناۋاز شەرىفنىڭ ئىنىسى شاھباز شەرىف 11-ئاپرېل (2023) پارلامېنتتىكى بېلەت تاشلاشتا، 174 ئاۋازغا ئېرىشىپ، باش مىنىستىر بولغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر