ئىراندا 10 ئەسكەر قاماققا ھۆكۈم قىلىندى

ئىراندا ئۇكرائىنا يولۇچىلار ئايروپىلانى 2020-يىلى تېھران ھاۋا تەۋەلىكىدە ئېھتىياتسىزلىقتىن باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن دېلودا، ئوخشىمىغان مەرتىۋىلەردىكى 10 ئەسكەر قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قلىندى.

1975892
ئىراندا 10 ئەسكەر قاماققا ھۆكۈم قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران مىزان ئاگېنتلىقى تېھراندىكى بىر ھەربىي سوت مەھكىمىسىنىڭ تەخمىنەن ئۈچ يىل داۋاملاشقان ئايروپىلان دەۋاسىدىن كېيىن، گۇماندارلار ھەققىدىكى ھۆكۈمنى ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئايروپىلاننى چۈشۈرگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىلغان «1م-تور» (Tor-M1) ھاۋا قالقان سىستېمىسىنىڭ قوماندانى ئىكەنلىكى بېكىتىلگەن دەۋانىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك گۇماندارى ۋە نام-شەرىپى تىلغا ئېلىنمىغان بىر قوماندان 13 يىل قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى  دەرىجىلىك گۇماندارلار سۈپىتىدە سوتلانغان ئوخشىمىغان مەرتىۋىلەردىكى توققۇز ئەسكەر، بىر يىلدىن ئۈچ يىلغىچە بولغان مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

ئەسكەرلەرنىڭ يۇقىرى سوت مەھكىمىلىرىگە ئەرز قىلىش يوللىرىنىڭ ئوچۇق ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئۇكرائىنا ھاۋا يوللىرىنىڭ «737-بويىن» تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى، 2020-يىلى 8-يانۋار ئەتىگەندە تېھران خەلقئارا ئىمام ھۇمەينى ئايرودۇرۇمىدىن كىيېۋغا قاراپ كۆككە كۆتۈرۈلۈپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا چۈشۈپ كەتكەن ۋە ئىچىدىكى 176 يولۇچىنىڭ ھەممىسى جېنىدىن ئايرىلغان ئىدى.

ئىران دائىرىلىرى دەسلەپتە ئايروپىلاننىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى قوبۇل قىلمىغان، ئارقىدىن ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى ئايروىلاننىڭ «سەزگۈر ھەربىي نۇقتا ئۈستىدىن ئۆتۈۋاتقاندا ئېھتىياتسىزلىقتىن» ھاۋا قالقان سىستېمىسى تەرىپىدىن ئېتىلغان ئىككى باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەرىپىدىن چۈشۈرۈۋېتىلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى ئايروپىلان ئېتىپ چۈشۈرۈلۈشتىن بىر قانچە سائەت ئىلگىرى گېنېرال قاسىم سۇلايمانىنىڭ ئۆلۈمىدىن قىساس سۈپىتىدە، ئامېرىكانىڭ ئىراقتىكى بازىلىرىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتقان ئىدى.

ئىران ۋەقە يۈز بېرىپ ئارىدىن تەخمىنە بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن، يەنى 2020-يىلى 30-دېكابىر جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلىلىرىگە 150 مىڭ دوللار تۆلەم بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك سوت تەخمىنەن ئىككى يىلدىن كېيىن، يەنى 2021-يىلى نويابىردا باشلانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر