كولومبىيەدە پۇتبول مەيدانىغا چاقماق چۈشۈپ بەش كىشى قازا قىلدى

كولومبىيەدە پۇتبول مەيدانىغا چاقماق چۈشۈش سەۋەبىدىن بەش كىشى قازا قىلىپ، 15 كىشى يارىلاندى.

1975764
كولومبىيەدە پۇتبول مەيدانىغا چاقماق چۈشۈپ بەش كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كېنىيە دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، جائۇجا مەمۇرىي رايونىغا قاراشلىق ئېل تامبو يېزىسىدىكى بىر ئۈستى ئوچۇق پۇتبول مەيدانىدا، كىشىلەر پۇتبول ئويناۋاتقان پەيتتە چاقماق چۈشكەن.

مەيداندىكى بەش كىشى جېنىدىن ئايرىلغان ۋە يارىلانغان 15 كىشى جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى بىلەن دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر