فىرانسىيەدە پ ك ك ئەزالىرى ئەيىبلەندى
فىرانسىيەدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ 11 ئەزاسى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئىقتىسادىي مەبلەغ توپلاش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەندى.
1975252
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پارىژ جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ 11 ئەزاسىنى 5 يىللىقتىن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.
پارىژ جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارىغا ئاساسلانغاندا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى بولغان بۇ جاۋابكارلار جەمئىيەتنى چەتكە قېقىش قاتارلىق ھەر خىل تەھدىتلەر ئارقىلىق تېررورلۇق تەشكىلاتىغا زور مىقداردا مەبلەغ توپلىغان.
ئىگىلىنىشىچە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزالىرى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۈچۈن، فىرانسىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبى رايونىدا ھەر يىلى تەخمىنەن ئىككى مىليون ياۋرو مەبلەغ توپلىغان.