ئىراندا يەنە قىز ئوقۇغۇچىلار زەھەرلەندى

ئىراننىڭ ساككىز شەھىرىگە جايلاشقان مىراج قىزلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خىمىيەلىك گاز بىلەن زەھەرلەنگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

1972372
ئىراندا يەنە قىز ئوقۇغۇچىلار زەھەرلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاراتقۇلىرىدا تارقالغان ۋىدېئولاردا، مەكتەپكە كەلگەن ئاتا-ئانىلار بىلەن خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئارىسىدا سۈركىلىش چىققانلىقى كۆرۈلىدۇ.

ئوقۇغۇچىلارنىڭ زەھەرلىنىشىگە سەۋەب بولغان ھۇجۇمغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ساككىزلىقلار، مەكتەپكە ئېسىلغان ئىران بايرىقىنى چۈشۈرۈپ، دىنىي رەھبەر ھامانېيغا قارشى شوئار توۋلىدى.

تاراتقۇلاردا ھەمبەھىرلەنگەن ۋېدېئولاردا، مەكتەپكە كەلگەن قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىللىرىدىن باشقا، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى ئۆزىنىڭ ئاپتوموبىللىرى بىلەن دوختۇرخانىلارغا ئاپارغانلىقى كۆرۈلىدۇ.

ئەڭ ئاز دېگەندە 47 ئوقۇغۇچىنىڭ دوختۇرخانىلارغا ئاپىرىلغانلىقى، 20 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنىڭ ئەھۋالىنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئىراننىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىدىن ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك رەسمىي بايانات ئېلان قىلىنمىدى.

تېھراندا 13-سېنتەبىر (2022) ئەخلاق ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغاندىن كېيىن ئەھۋالى يامانلىشىپ ئاپىرىلغان دوختۇرخانىدا جېنىدىن ئايرىلغان 22 ياشلىق مەھسا ئەمىنىنىڭ 16-سېنتەبىر جېنىدىن ئايرىلىشى بىلەن، مەملىكەت مىقياسىدا نامايىشلار پارتلىغان ئىدى.

ئىراندا 30-نويابىر (2022) دىن تارتىپ قىزلار مەكتەپلىرىدە زەھەرلىنىش ۋەقەلىرى يۈز بەرمەكتە. ھازىرغىچە 238 مەكتەپتە 5 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى زەھەرلەندى.

زەھەرلەنگەن ئوقۇغۇچىلاردا نەپەس قىيىنلىشىش، كۆڭلى ئېلىشىش، باش ئاغرىش ۋە پۇت-قول ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

ئىران ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى 11-مارت ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى مەكتەپلەردە كەڭ كۆلەمدە زەھەرلىنىش دېلولىرى بىلەن چېتىشلىق دەپ گۇمان قىلىنغان 100 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر