تۆت تەرەپ سۈرىيە يىغىنى موسكۋادا چاقىرىلدى

تۈركىيە، رۇسىيە، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە ئىراننىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى دەرىجىلىك «سۈرىيە» يىغىنىدا، تەرەپلەر سۆھبەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.

1970001
تۆت تەرەپ سۈرىيە يىغىنى موسكۋادا چاقىرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىك مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، 3-4- ئاپرېل كۈنلىرى رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادا تۈركىيە، رۇسىيە، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە ئىراننىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى دەرىجىلىك تۆت تەرەپلىك كېڭەش يىغىنى ئېچىلغان.

تەرەپلەر كېلەر نۆۋەتلىك تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغان؛ ھەر قايسى دۆلەتلەر ئۆزلىرىنىڭ مەيدانى ۋە كۆز قارىشىنى ئوچۇق – ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويغان ۋە بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، سۆھبەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدا كېلىشكەن.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىگەن يىغىندا، تۈركىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىگە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بۇراق ئاكچاپار رىياسەتچىلىك قىلغان.

يىغىنغا رۇسىيەگە ۋاكالىتەن پىرېزىدېنت ۋلادىمىر پۇتىننىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرى ئالاھىدە ۋەكىلى مىخايىل بوگدانوف،  ئىرانغا ۋاكالىتەن ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ سىياسىي ئىشلار مەسلىھەتچىسى ئەلى ئەسغەر ھاجى ۋە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە ۋاكالىتەن مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەيمەن سۇسان قاتناشقان.

يىغىن يېپىق شەكىلدە ئۆتكۈزۈلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر