بىر مۇسۇلمان ئائىلىنىڭ پەرزەنتى شوتلاندىيەنىڭ باش مىنىستىرى بولدى

شوتلاندىيەنىڭ يېڭى رايونلۇق باش مىنىستىرى ھەمزە يۇسۇف قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالدى.

1967465
بىر مۇسۇلمان ئائىلىنىڭ پەرزەنتى شوتلاندىيەنىڭ باش مىنىستىرى بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھەمزە يۇسۇف شوتلاندىيەنىڭ مەركىزى ئېدىنبۇرگدىكى شوتلاندىيە يۇقىرى سوت مەھكىمىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا، باش سوتچى ۋە پىشقەدەم سوتچىلارنىڭ ھۇزۇرىدا خىزمىتىگە ۋە پادىشاھقا سادىق بولۇش توغرىسىدا قەسەم بېرىپ، شوتلاندىيەنىڭ رەسمىي ھالدا رايونلۇق باش مىنىستىرى بولدى.

ئەسلى پاكىستانلىق ئائىلىدىن كېلىپ چىققان 37 ياشلىق مۇسۇلمان ھەمزە يۇسۇف تۈنۈگۈن (29-مارت) يېڭى كابېنت ئەزالىرىنى ئېلان قىلدى.

ھەمزە يۇسۇف شوتلاندىيەنىڭ رايونلۇق باش مىنىستىرى ۋە شوتلاندىيە مىللىي پارتىيەسىنىڭ رەئىسى نىكولا ستۇرگېئون باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىدىن ھەمدە پارتىيە رەئىسلىكىدىن ئىستېپا بېرىشى بىلەن باشلانغان رەھبەرلىك رىقابىتىدە 27-مارت غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، 28-مارت شوتلاندىيە پارلامېنتىدا ئاۋاز تاشلانغان ئىدى.

شوتلاندىيە مىللىي پارتىيەسىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان ھەمزە يۇسۇف پارلامېنتتىكى ئاۋاز تاشلاشتىن كېيىن، شوتلاندىيەنىڭ تۇنجى مۇسۇلمان باش مىنىستىرى بولغان ئىدى.

ھەمزە يۇسۇفنىڭ دادىسى 1960-يىلاردا پاكىستاندىن شوتلاندىيەگە كۆچمەن بولۇپ كەلگەن. ئانىسى كېنىيەدە جەنۇبىي ئاسىيالىق بىر ئائىلىنىڭ قىزى.

ھەمزە يۇسۇف باش مىنىستىرلىق بىناسى بولغان «بىيۇت ئۆيى» (ButeHouse) دىكى بىرىنچى كۈنىدە ئائىلىسىگە ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇۋاتقاندا تارتىلغان رەسىمنى ھەمبەھىرلىدى.

ئۇ تۋىتتېردا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا: «مەن ۋە ئائىلەمدىكىلەر بۈگۈن (28-مارت) پارلامېنتتىكى بېلەت تاشلاشتىن كېيىن تۇنجى كېچىمىزنى بىيۇت ئۆيىدە ئۆتكۈزۈۋاتىمىز، بىللە ئىپتار قىلغاندىن كېيىن، ئادىتىمىز بويىچە ئائىلەمگە ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇدۇم. بۇ باشقىچە بىر ۋاقىت ئىدى» دېدى.

ئۇ باش ۋەزىر رىشى سۇناك بىلەن بىللە چۈشكەن سۈرىتىنىمۇ ھەمبەھىرلەپ: «مەن شوتلاندىيە خەلقى ۋە پارلامېنتىنىڭ دېموكراتىك ئارزۇسىغا، بىرلەشمە پادىشاھلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆرمەت قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدۇم» دېدى.

شوتلاندىيە پارلامېنتىدا 28-مارت ئۆتكۈزۈلگەن ئاۋازغا قويۇشتا باش مىنستىرلىققا سايلانغان ھەمزە يۇسۇف تۇنجى مۇسۇلمان باش مىنىستىر بولغاندىن باشقا، شوتلاندىيەنىڭ ئەڭ ياش پارلامېنت ئەزاسى ۋە تۇنجى مىنىستىرى دېگەندەك ئۇنۋانلارغىمۇ ئىگە.

بۇ يىل (2023) فېۋرالدا باش مىنىستىر نىكولا ستۇرگېئوننىڭ ئىستېپا بېرىشى بىلەن بوش قالغان شوتلاندىيە مىللىي پارتىيەسىنىڭ رەئىسلىك ئورنى ئۈچۈن تاشلانغان 26 مىڭ 32 بېلەت بىلەن %52 ئاۋازغا ئېرىشىپ باش مىنىستىرلىققا سايلانغان 37 ياشلىق ھەمزە يۇسۇف سايلام نەتىجىسى جاكارلانغاندىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، شوتلاندىيەگە مۇستەقىللىق ئېلىپ كېلىشتە  «قەتئىي قارارغا» ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «بىز ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ئەۋلاد بولىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر