ئامېرىكادا بىر مەكتەپتە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

ئامېرىكادا بىر مەكتەپتە قوراللىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ، ئۈچ كىچىك بالىنى قوشقاندا، جەمئىي ئالتە كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1966241
ئامېرىكادا بىر مەكتەپتە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكانىڭ تېننېسسى ئىشتاتىدىكى بىر چېركاۋ مەكتىپىگە قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇمدا ئۈچ كىچىك بالىنى قوشقاندا، جەمئىي ئالتە كىشى قازا قىلدى. ساقچىلار ھۇجۇم قىلغۇچىنى ئېتىپ ئۆلتۈردى.

مېترو ناشۋىللې ساقچى تارماقلىرى ھۇجۇمچىدىن ئىككى ئۇزۇن نولۇق قورال ۋە بىر تاپانچا قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكى، ھۇجۇمچىنىڭ شۇ مەكتەپنى پۈتكۈزگەن 28 ياشلىق ئايال، ئاۋدرېي ئېلىزابېت ھالې ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى.  

ھۇجۇمدىن كېيىن، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن پالاتانى قورال-ياراغقا مۇناسىۋەتلىك تېخىمۇ قاتتىق بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىدىغان قانۇن تەكلىپلىرىنى تەستىقلاشقا چاقىرىق قىلدى.

بايدىن يەنە، ئاقساراي، ھەربىي گارنىزون ۋە دېڭىز ئارمىيەسى پاراخوتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق دۆلەت ئورگانلىرىدا بايراقلارنى 31-مارت چۈشكىچە يېرىم چۈشۈرۈشكە بۇيرۇدى.

بۇ بۇيرۇققا ئاساسەن، ئامېرىكانىڭ چەت ئەللەردىكى بارلىق ئەلچىخانىلىرى، كونسۇلخانىلىرى، ھەربىي بازىلار ۋە دېڭىز ئارمىيە پونكىتلىرى قاتارلىق چەت ئەللەردىكى مەركەزلىرىدىمۇ 31 - مارتقىچە بايراقلار يېرىم چۈشۈرۈلىدىغان بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر