پورتۇگالىيەدە ئىسلام مەركىزى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
پورتۇگالىيەنىڭ پايتەختى لىسبون شەھىرىدىكى ئىسلام مەركىزىگە قىلىنغان پىچاقلىق ھۇجۇمدا ئىككى ئادەم قازا قىلدى.
1966393
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پورتۇگالىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى لۇسانىڭ ساقچى مەنبەلىرىگە ئاساسلىنىپ خەۋەر قىلىشىچە، ئەتىگەن تەرەپلەردە لىسبون شەھىرىدىكى ئىسلام مەركىزىدە ئافغانىستانلىق بىر كىشى پىچاقلىق ھۇجۇم قىلغان، ھۇجۇمدا ئىككى ئادەم قازا قىلغان، زوراۋان يارىلانغان، ئاندىن ئۇ سانتا مارىئا دوختۇرخانىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
ھۇجۇم ھەققىدە تېخىچە مەلۇمات بېرىلمىگەن.
يەنە بىر تەرەپتىن، پورتۇگالىيە باش مىنىستىرى ئانتونىيو كوستا ساقچىلارنىڭ بالدۇر مۇداخىلە قىلىپ، زوراۋاننى دەرھال قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
پولشا: زېمىنىمىزغا يادرو قوراللىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا تەييارمىز
پولشا ئۆز زېمىنىغا يادرو قوراللىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.