كولومبىيەدە بىر يەرلىك خەلق رەھبىرى سۈيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلدى

كولومبىيەدە بىر يەرلىك خەلق رەھبىرى قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ قازا قىلدى.

1966223
كولومبىيەدە بىر يەرلىك خەلق رەھبىرى سۈيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كولومبىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بوياجا مەمۇرىي رايونىغا قاراشلىق زۇلىيا يېزىسىدا ئاسومىپاز خەلقىنىڭ رەھبىرى گونزالو دې جېسۇس پاررا فورېرو قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ قازا قىلغان. ھۇجۇمغا قارىتا تەكشۈرۈش باشلانغان.

بۇ ئارىلىقتا، كولومبىيە پارلامېنتى ئەرز - شىكايەت  ئىشخانىسى بىلەن كولومبىيە تەرەققىيات ۋە تىنچلىق تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى (Indepaz) يەرلىك خەلق رەھبىرىگە قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

كولومبىيە تەرەققىيات ۋە تىنچلىق تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى (Indepaz) بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان دۆلەت مىقياسىدا جەمئىي 33 خەلق رەھبىرىنىڭ قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، 2016 - يىلى نويابىردا كولومبىيە ئىنقىلابى قوراللىق كۈچلىرى (FARC) بىلەن دۆلەت ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن تىنچلىق كېلىشىمىدىن بۇيان ئۆلتۈرۈلگەنلەر سانىنىڭ 1442 گە ئۆرلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر