كېنىيە ۋە سومالىدا يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى
كېنىيە ۋە سومالىدا قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن ئاپىتىدە 21 ئادەم قازا قىلدى.
1966400
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كېنىيەنىڭ گىلگىل رايونىغا تالاپەت يەتكۈزگەن كەلكۈن ئاپىتىدە 3 بالا ۋە 4 ئايال ھاياتىدىن ئايرىلدى.
سومالىنىڭ جەنۇبىدىكى بائارخېرې يېىزىسىدا يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە 14 ئادەم قازا قىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، ھەر ئىككى دۆلەت قۇرغاقچىلىق سەۋەبىدىن سۇ قىيىنچىلىقىغا دۇچ كېلىدىكەن. بەزى رايونلاردا بولسا يىلنىڭ مەلۇم پەسىللىرىدە كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىدىكەن.