بىرازىلىيەدىكى كەلكۈن ۋە تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەلىرىدە ئالتە كىشى قازا قىلدى

بىرازىلىيەنىڭ شىمالىدىكى ئىشتاتلاردا قاتتىق يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن ۋە تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەلىرىدە ئالتە كىشى قازا قىلدى.

1966250
بىرازىلىيەدىكى كەلكۈن ۋە تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەلىرىدە ئالتە كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرازىلىيەنىڭ ئاجرې، ئامازوناس، پارا، روندونىيە، توكانتىن ۋە مارانخوئا ئىشتاتلىرىغا يېقىنقى بىر ھەپتىدىن بۇيان قاتتىق تەسىر كۆرسىتىۋاتقان يامغۇر سەۋەبىدىن بەزى شەھەرلەردە جىددىي ھالەت  ئېلان قىلىندى.

مەسئۇللار كەلكۈن ۋە تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەلىرىدە ئالتە كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 50 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ سەلبىي تەسىرگە ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دۆلەتلىك مېتېرولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ باياناتىدا، يامغۇرنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى ۋە قاتتىق بوران چىقىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىندى.

خەلق مۇداپىئەسى 2500 كىشىنىڭ ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى ۋە بولۇپمۇ ئاجرې ئىشتاتىغا جىددىي ياردەمنىڭ يەتكۈزۈلۈشى كېرەكلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر