ياۋروپا دۆلەتلىرى ئۇكرائىنانى قوللاپ، رۇسىيەنى جازالاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى رۇسىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئۇكرائىنانى قوللاشنى داۋاملاشتۇرۇش ئىرادىسىنى قايتا تەكىتلىدى.

1964565
ياۋروپا دۆلەتلىرى ئۇكرائىنانى قوللاپ، رۇسىيەنى جازالاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى رۇسىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئۇكرائىنانى قوللاشنى داۋاملاشتۇرۇش ئىرادىسىنى قايتا تەكىتلەپ، «تەلەپ قىلىنغان تەقدىردە» ئۇكرائىناغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئەۋەتىشلىرىنىڭ مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرۈشتى.

بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا چاقىرىلغان ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىدا، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان ھۇجۇملىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاقىۋەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى؛ يىغىن داۋام قىلىۋاتقان ئەسنادا، باشلىقلار يىغىنى دوكلاتىنىڭ ئۇكرائىناغا مۇناسىۋەتلىك بۆلۈمى ئېلان قىلىندى.

ئۇكرائىنانى سىياسىي، ھەربىي، پۇل-مۇئامىلە ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك جەھەتتە قوللاشنىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملىشىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان دوكلاتتا، ئۇكرائىنانىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ھەربىي ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش تىرىشچانلىقىنىڭ كۈچەيتىلگەنلىكى تەكىتلەندى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى ياۋروپا كېڭىشىنىڭ بۇ ھەپتە بېشىدا چىقارغان «ياۋروپا تىنچلىق فوندى ئارقىلىق ئورتاق سېتىۋېلىنغان 1 مىليون زەمبىرەك ئوقىنى بىر يىل ئىچىدە ئۇكرائىناغا ئەۋەتىش قارارى» دىن مەمنۇن بولغانلىقلىرىنى ئىپادىلىدى ھەمدە تەلەپ قىلىنغان تەقدىردە، بۇ دۆلەتنى ئورتاق سېتىۋېلىش يولى ئارقىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

رەھبەرلەر يەنە، ئۇكرائىنانى ئوق – دورا بىلەن تەمىنلەش بىلەن بىرگە، رۇسىيەگە قارىتىلغان كەڭ كۆلەملىك بېسىمنى ئېغىرلاشتۇرۇش نىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

 رەھبەرلەر يەنە، نۆۋەتتىكى جازالارنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە دۆلەتلەر قاتلىمىدا ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىنىشىغا شۇنداقلا باشقا دۆلەتلەرنىڭ جازالارنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى رەئىسى چارلېز مىشېل بىلەن بىرلىكتە باشلىقلار يىغىنىنىڭ بىرىنچى كۈنىنىڭ ئاخىرىدا ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، رۇسىيەگە قارشى تەييارلانغان 11- جازا پىلانىنىڭ جازانى ئايلىنىپ ئۆتۈپ كېتىش ياكى ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان بەزى ماددىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋون دېر لېيېن جازاغا خىلاپلىق قىلىشقا قارشى ھەر خىل تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر