فىرانسىيەدىكى پېنسىيە ئىسلاھاتىغا قارشى نامايىشلار بارغانسېرى كېڭەيمەكتە

فىرانسىيەدە پېنسىيە ئىسلاھاتىغا قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلاردا، ساقچىلار بىلەن چىققان سۈركىلىشلەر نەتىجىسىدە بىر كىشىنىڭ بارمىقىنىڭ ئۈزۈلۈپ كەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

1964500
فىرانسىيەدىكى پېنسىيە ئىسلاھاتىغا قارشى نامايىشلار بارغانسېرى  كېڭەيمەكتە
fransa gosteriler.jpg
fransa gosteriler1.jpg
fransa gosteriler2.jpg
fransa gosteriler3.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەدە پېنسىيە ئىسلاھاتىغا قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلاردا، ساقچىلار بىلەن چىققان سۈركىلىشلەر نەتىجىسىدە بىر كىشىنىڭ بارمىقىنىڭ ئۈزۈلۈپ كەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

«باش ئەگمىگەن فىرانسىيە پارتىيەسى» نىڭ پارلامېنت ئەزاسى ئەلما دۈفۇ (Alma Dufour) تۋىتتېردا ئۇچۇر ھەمبەھىرلەپ، غون (Rouen) شەھىرىدىكى نامايىشلاردا يەتتە كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يارىلانغانلار ئارىسىدا پلاستىك قول بومبىسى سەۋەبىدىن باش بارمىقى ئۈزۈلۈپ كەتكەن  بىر نامايىشچىنىڭ بارلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقىنى دەرھال توختىتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ: «ھۆكۈمەت بىر كىشى ئۆلمەستىن پېنسىيە ئىسلاھاتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى كېرەك» دېدى.

پايتەخت پارىژدىكى نامايىشلاردىمۇ ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىشلەر يۈز  بەردى. بەزى نامايىشچىلار ئەخلەت ساندۇقلىرىغا ئوت قويۇپ بەردى. ئاپتوبۇس بېكەتلىرىنى بۇزدى. ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئاتقان ساقچىلارغا، ئەينەك شىشە ۋە باشقا جىسىملارنى ئېتىپ ئىنكاس قايتۇردى.

ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ پېنسىيە يېشىنى ئىككى يىل ئىچىدە تەدرىجىي ھالدا 64 كە چىقىرىشنى نىشان قىلغان پېنسىيە ئىسلاھاتىغا قارشى چاقىرىق ئېلان قىلىشى بىلەن، فىرانسىيە مىقياسىدا كەڭ كۆلەملىك نامايىشلار پارتلىغان ئىدى.

نامايىشچىلار ھۆكۈمەتتىن پارلامېنتتا ئاۋازغا قويۇلمايلا قوبۇل قىلىنغان ئىسلاھاتتىن ۋاز كېچىشنى تەلەپ قىلماقتا.

فىرانسىيەدا ئالدىنقى قاتاردىكى ئىشچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىلىرى ئورتاق بايانات ئېلان قىلىپ، 28-مارت نامايىش كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

فىرانسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى جېغولد دەغماننا (Gerald Darmanin) نامايىشلاردا ئەڭ ئاز دېگەندە 172 كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى، 149 ساقچىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

باش مىنىستىر ئېلىزابېت بورنې تۋىتتېردا، نامايىشلاردا يۈز  بەرگەن زوراۋانلىق ۋە بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر