بلىنكېن: تۈركىيەنىڭ «F-16» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى سېتىۋېلىشى ناتو ئۈچۈن مۇھىم

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن تۈركىيەنىڭ «F-16» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ۋە مەۋجۇت «F-16» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ زامانىۋى ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋېلىشىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئۈچۈن مۇھىملىقىنى ئېيتتى.

1964449
بلىنكېن: تۈركىيەنىڭ «F-16» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى سېتىۋېلىشى ناتو ئۈچۈن مۇھىم

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىدا بلىنكېنغا مۇنداق سوئال تاشلاندى: جو بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ «F-16» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى تۈركىيەگە سېتىپ بېرىشى «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تۈركىيەنىڭ بۇنى ئىتتىپاقداشلىرى ۋە شېرىكلىرىگە قارشى ئىشلىتىلمەسلىكى» نى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن تاشلىغان قەدەملىرىمۇ؟

بلىنكېن مۇنداق جاۋاب بەردى: «تۈركىيەنىڭ يېڭىلانغان F-16 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ۋە مەۋجۇت F-16 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ زامانىۋى ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋېلىشى زۆرۈر دەپ قارايمىز. بۇنى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ۋە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئۈچۈن مۇھىم دەپ قارايمىز.»

يەنە بىر تەرەپتىن، مىنىستىر بلىنكېن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىكنى ئازايتىش ۋە جىددىيچىلىككە سەۋەب بولۇۋاتقان ھەرىكەتلەر ياكى ئىغۋالاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن ناھايىتى زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە، گىرېتسىيە ياكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا باشقا ھەرقانداق دۆلەتلەرگە قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرىمىزنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، ئۇلارنىڭ ئۆزئارا بىر گەۋدە ھالىتىدە ھەرىكەت قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنى ئۇلار ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان ئۈسكۈنىلەر ۋە تېخنولوگىيەگە تولۇق ئىگە قىلىشتۇر. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىرەر ئىختىلاپ بولسا، بىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق ئۈسكۈنە ياكى تېخنولوگىيەنىڭ بۇ ئىختىلاپلاردا ئىشلىتىلمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر