تۇنىستا قانۇنسىز كۆچمەنلەر پاراخوتى چۆكۈپ كېتىپ،  5 كىشى قازا قىلدى ۋە 28 كىشى يوقاپ كەتتى

تۇنىستىن قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى ئېلىپ ماڭغان پاراخوتنىڭ چۆكۈپ كېتىشى سەۋەبىدىن  5 كىشى قازا قىلىپ، 28 كىشى يوقاپ كەتتى.

1964057
تۇنىستا قانۇنسىز كۆچمەنلەر پاراخوتى چۆكۈپ كېتىپ،  5 كىشى قازا قىلدى ۋە 28 كىشى يوقاپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۇنىس دېڭىز ساھىلىدىن قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى ئېلىپ ئىتالىيەگە قاراپ يولغا چىققان پاراخوتنىڭ چۆكۈپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئىگىلىنىشچە، پاراخوتتا 5 ئافرىقالىق كۆچمەن قازا قىلىپ، 28 كۆچمەن يوقاپ كەتكەن.

پاراخوتتا قانچىلىك كۆچمەننىڭ بارلىقى تېخىچە نامەلۇم.

تۇنىس ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ھوقۇق مۇنبىرى مەسئۇلى رومادان بىن ئۆمەر ئېلان قىلغان باياناتىدا، دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەتچىلىرىنىڭ تۇنىسنىڭ سفاكىس شەھىرى دېڭىز قىرغىقىدا چۆكۈپ كەتكەن پاراخوتتىن 5 كۆچمەننى قۇتۇلدۇرغانلىقىنى ۋە كۆچمەنلەرنىڭ پىسخىكىلىق ئەھۋالىنىڭ ناچار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر