پاكىستاندا ئىمرانخاننى قولغا ئېلىش ھەرىكىتى بىر كۈن كېچىكتۈرۈلدى
لاھور ئالىي سوت مەھكىمىسى ھۆكۈمەت ۋە خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ئەتىگىچە (17-مارت) ئىمرانخاننى قولغا ئېلىش ھەرىكىتىنى توختىتىشى توغرىسىدا قارار چىقاردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستاندا لاھور ئالىي سوت مەھكىمىسى ئۆزى ئۈستىدىن ئېچىلغان سوتقا قاتناشمىغانلىقى سەۋەبىدىن تۇتۇش قارارى چىقىرىلغان سابىق باش مىنىستىر ئىمرانخاننىڭ قولغا ئېلىنىشى ئۈچۈن ساقچى ئىدارىسى باشلىغان ھەرىكەتنى يەنە بىر كۈن كېچىكتۈرۈشنى قارار قىلدى.
سوت مەھكىمىسى پاكىستان ئادالەت ھەرىكىتى پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى ئىمرانخاننىڭ 19-مارتتا لاھوردا ئۆتكۈزىدىغان يىغىلىشىنى ئەمەلدىن قالدۇردى. شۇنداقلا ھۆكۈمەت ۋە ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن مەسىلىنى مۇزاكىرە ئارقىلىق ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
ئىسلامئاباد سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتچىسى زافەر ئىقبال سابىق باش مىنىستىر ئىمرانخان سوتقا قاتناشقان ئەھۋالدا تۇتۇش قارارىنىڭ توختىتىپ قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈنۈگۈن (15-مارت) لاھور ئالىي سوت مەھكىمىسى ساقچىلارنىڭ ئىمرانخاننى قولغا ئېلىش ئۈچۈن باشلىغان ھەرىكەتنى بۈگۈن شۇ يەر ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 10.00 غىچە توختىتىش توغرىسىدا قارار چىقارغان ئىدى.
ئىمرانخاننىڭ قوللىغۇچىلىرى ھەر ئېھتىمالغا قارشى رەھبىرىنىڭ لاھوردىكى ئۆيى ئەتراپىغا ۋە يوللارغا كونتېينېر قويۇپ، قۇم خالتىلىرى بىلەن توسۇقلارنى ھاسىل قىلماقتا.
ساقچىلارنىڭ 14-مارت ئىمرانخاننى تۇتۇش ئۈچۈن باشلىغان ھەرىكىتىدە، قوللىغۇچىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىشلەر يۈز بېرىپ، 60 تىن ئارتۇق ساقچى يارىلاندى، 15 نامايىشچى تۇتۇلدى. شۇنداق بولسىمۇ، ساقچىلار ئىمرانخاننى قولغا ئالالمىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئامېرىكا ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ.
ئافغانىستاندا ھەربىي تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى
ئافغانىستاننىڭ غور ۋىلايىتىدە بىر ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان دەريا قىرغىقىغا چۈشۈپ كەتتى.