پۇتىن: تۇرۇبا يولىنى ئۇكرائىنالىقلارنىڭ پارتلاتقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر قۇرۇق گەپ

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن شىمالىي ئېقىم تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولىنى پارتلىتىش ۋەقەسىنى ئۇكرائىنا گۇرۇپپىلىرىنىڭ قىلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنىڭ «قۇرۇق گەپ» ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ پەقەت دۆلەت سەۋىيەسىدە قىلىنالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1960069
پۇتىن: تۇرۇبا يولىنى ئۇكرائىنالىقلارنىڭ پارتلاتقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر قۇرۇق گەپ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن  «Rossiya-1» قانىلىدا، ئۆتكەن يىلى (2022) شىمالىي ئېقىم تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولىدا يۈز بەرگەن پارتلاشلار توغرىسىدا توختالدى.

ئۇ غەرب تاراتقۇلىرىدىكى تۇرۇبا لىنيەلىرىنىڭ بەزى ئۇكرائىنا گۇرۇپپىلىرى تەرىپىدىن پارتلىتىلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلىپ: «بۇلارنىڭ قۇرۇق گەپ ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن. بۇنداق ئىنتايىن چوڭقۇرلۇقتىكى ۋە ناھايىتى كۈچلۈك پارتلاشنى، مۇتەخەسسىسلەر، شۇنداقلا مۇئەييەن تېخنولوگىيەلەرگە ئىگە دۆلەتنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىشى ئاستىدا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ» دېدى.

ئۇ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بۇنداق پارتلىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغانلىقىنى ئىشارە قىلىپ، ئامېرىكانىڭ بۇنىڭغا چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ: «رۇسىيە گازىدىن %30-25 قىممەت بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ گازىنى ھەتتا سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گازىنى ئەۋەتىش ئۈچۈن، ئەلۋەتتە نەزەرىيە جەھەتتە ئامېرىكا بۇنىڭغا چېتىشلىق» دېدى.

ئۇ تاشقى كۆرۈنۈشى جەھەتتىن قارىغاندا، تۇرۇبا لىنيەسى بويىچە بىر قانچە پارتلىغۇچنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى، بەزىلىرىنىڭ ئېنىق بولمىغان سەۋەب تۈپەيلىدىن پارتلىمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ شىمالىي ئېقىم تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولىدىكى پارتلاشنىڭ ناھايىتى چوڭ پارتلاش ئىكەنلىكىنى، بىر قىسىم تۇرۇبا يولىنىڭ پارچىلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تۇرۇبىلارنى رېمونت قىلىشنىڭ ئاسان بولمايدىغانلىقىنى، دۇنيادا يۈز بەرگەن بۇنداق چوڭ ھادىسەدىن كېيىن، بۇ خىل سىستېمىلار رېمونت قىلىنغان ئۆرنەكلەرنىڭ يوقلۇقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر