بىرازىلىيەدە كەلكۈن ۋە يەر كۆچۈش ئاپەتلىرىدە 50 ئادەم قازا قىلدى

بىرازىلىيەنىڭ ساۋ پاۋلو ئۆلكىسىدە قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن ۋە يەر كۆچۈش ئاپەتلىرىدە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 50 كە يەتتى.

1951022
بىرازىلىيەدە كەلكۈن ۋە يەر كۆچۈش ئاپەتلىرىدە 50 ئادەم قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ساۋ پاۋلو ئۆلكىسى دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 18 – فېۋرالدىن (2023) بۇيان داۋاملىشىۋاتقان كەلكۈن ۋە يەر كۆچۈش ئاپەتلىرىدە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 50 كە يەتكەن، 1815 كىشى ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان، 30 دىن ئارتۇق كىشى يوقاپ كەتكەن.

دائىرىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئىزدەش - قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر