ئەنگلىيەدە ھەپتىدە تۆت كۈن خىزمەت قىلىش يولغا قويۇلدى

ئەنگلىيەدە «ھەپتىدە تۆت كۈن خىزمەت قىلىش سىنىقى» غا قاتناشقان نۇرغۇنلىغان ئەنگلىيە شىركەتلىرى ئالتە ئايلىق سىناق پىلانىنى ئۇزۇن مۇددەتلىك ھالغا كەلتۈردى.

1949834
ئەنگلىيەدە ھەپتىدە تۆت كۈن خىزمەت قىلىش يولغا قويۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: «BBC» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيەدە پايدىنى مەقسەت قىلمايدىغان «ھەپتىدە تۆت كۈنلۈك يەرشارى» ناملىق ئاممىۋى تەشكىلات تەرىپىدىن باشلانغان ۋە ئالتە ئاي بويىچە 3 مىڭدىن ئارتۇق خىزمەتچى ھەپتىدە تۆت كۈن ئىشلىگەن ئاساسلىق سىناق پىلانىغا دائىر دوكلاتتا، ھەپتىدە تۆت كۈن ئىشلەشنىڭ بولۇپمۇ خىزمەتچىلەرنىڭ خۇشال - خوراملىقى ئۈچۈن «كەڭ پايدىسى» بارلىقى ئوتتۇرىغا چىققان.

سىناققا قاتناشقان 61 شىركەتتىن 56 سى ئەمدىلىكتە ھەپتىدە تۆت كۈن ئىشلەشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى  جاكارلىغان.

دوكلاتنىڭ ئومۇمىي نەتىجىسى ئارىسىدا، خىزمەتچىلەرنىڭ كېسەل ئىكەنلىكىنى دوكلات قىلىش ئېھتىماللىقى بىر قەدەر تۆۋەنلىگەن، خوجايىنلىرى بىلەن بىللە تۇرۇشقا مايىل بولۇش نىسبىتى ئاشقان، خىزمەتچى قوبۇل قىلىش تەننەرخى تۆۋەنلىگەن، خادىملارنى تەربىيەلەشنىڭ تېخىمۇ قىممەتلىك ھالغا كېلىشى ئالدىنقى پىلانغا چىققان.

ئەنگلىيە مىقياسىدا ئالتە ئىش بېجىرىش ئورنى بار بولغان مۇھىت ئاسراش مەسلىھەتچىلىك شىركىتى «Tyler Grange» مۇ ئۆزلىرىنىڭ بۇ يېڭى خىزمەت مودېلىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

باش دىرېكتور سىمون ئۇرسېل خىزمەت ئەترىتىنىڭ خۇشالقىنىڭ ئاشقانلىقىنى، ئىشقا كەلمەسلىك نىسبىتىنىڭمۇ ئۈچتىن ئىككى ھەسسە تۆۋەنلىگەنلىكىنى ۋە شىركەتكە خىزمەت ئىلتىماسى سۇنىدىغانلارنىڭمۇ سانى ئاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

سىناق نەتىجىسى كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى، ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە بوستون ئىنستىتۇتى تەتقىقاتچىلىرى تەرىپىدىن باھالاپ چىقىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر