ئالبانىيە تۈركىيەدىكى يەر تەۋرەش تۈپەيلى بىر كۈنلۈك مىللىي ماتەم ئېلان قىلدى

ئالبانىيە ھۆكۈمىتى 6-فېۋرال قاھرامانماراشتا يۈز بېرىپ 10 ۋىلايەتكە تەسىر كۆرسەتكەن 7.7 ۋە 7.6 بال يەر تەۋرەش يەر تەۋرەش مۇناسىۋىتى 13-فېۋرال بىر كۈن مەملىكەت مىقياسىدا ماتەم ئېلان قىلىشنى قارار قىلدى.

1945204
ئالبانىيە تۈركىيەدىكى يەر تەۋرەش تۈپەيلى بىر كۈنلۈك مىللىي ماتەم ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالبانىيە باش مىنىستىرى ئەدى راما ماتەم ئېلان قىلىش قارارىنى ھۆكۈمەتنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدىكى ئادرېسىدا ئېلان قىلدى.

دۈشەنبە كۈنى بايراقلارنىڭ يېرىم چۈشۈرۈلۈپ، شام يېقىشنىڭ ئىتتىپاقلىقنىڭ سىمۋولى بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن راما: «تۈركىيە – سۈرىيە چېگراسىدىكى ئېغىر يەر تەۋرەش تىراگېدىيەسىدە قازا قىلغانلارنى خاتىرىلەش، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئالبانىيەگە زىيان يەتكۈزگەن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر ئاپەتتە بىزنىڭ يېنىدا تۇرغان دوست دۆلەت تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىشىشنىڭ ئىشارىتى سۈپىتىدە، ئالبانىيە ھۆكۈمىتى 13-فېۋرال دۈشەنبە كۈنى دۆلەت مىقياسىدا مىللىي ماتەم ئېلان قىلىشنى قارار قىلدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر