ئىران ياۋروپا ۋە ئەنگلىيەگە جازا يۈرگۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئىران ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئەنگلىيەنىڭ ئىراننىڭ بىر قىسىم شەخس ۋە ئورگانلىرىغا يۈرگۈزگەن جازاسىغا جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

1937147
ئىران ياۋروپا ۋە ئەنگلىيەگە جازا يۈرگۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران رەسىمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى — ئىرنا، ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ناسىر كەنئانىنىڭ، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئەنگلىيەنىڭ تېھرانغا قاراتقان ئەڭ يېڭى جازالىرى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، كەنئانى تېھراننىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئەنگلىيەنىڭ جازاسىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئەنگلىيە ھاكىمىيەتلىرىنىڭ بۇ ھەرىكىتى، ئۇلارنىڭ ئىراننىڭ رېئاللىقىنى تولۇق مەنىدە چۈشىنىپ يېتىشتىكى ئەقلىي يېتەرسىزلىكلىرىنىڭ بىر ئالامىتى» دېگەن ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئىران بۇ خىل مەغلۇب سىياسەتلەرگە جاۋاب قايتۇرۇش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالغان بولۇپ، پات يېقىندا ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئەنگلىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغۇچىلار بىلەن تېررورلۇقنى قوللىغۇچىلارغا قارىتا يېڭى جازا تىزىملىكىنى ئېلان قىلىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلغان.

ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر، ماھسا ئەمىنى ئىسىملىك ئىرانلىق بىر قىزنىڭ سېنتەبىردە (2022) نازارەت ئاستىدىكى مەزگىلىدە ئۆلۈپ كېتىشىدىن كېيىن باشلانغان نامايىشلارنى باستۇرۇشتا رول  ئوينىغان 18 ئىرانلىق بىلەن 19 ئىران شىركىتىگە جازا يۈرگۈزۈشنى قارار قىلغانىدى.

ئەنگلىيەمۇ «نامايىشلارنى باستۇرۇش جەريانىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى» ۋە جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىران-ئەنگلىيە قوش پۇقرالىق سالاھىيىتىگە ئىگە ئەلى رىزا ئەكبەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئىراننىڭ بىر قىسىم ئەمەلدارلىرى ۋە تەشكىلاتلىرىنى جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر