گوللاندىيە: تۈركىيەنىڭ تىرىشچانلىقلىرى تەقدىرلەشكە ئەرزىيدۇ

گوللاندىيە باش مىنىستىرى مارك رۇتتې تۈركىيەنىڭ «ئاشلىق كېلىشىمى» نىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىش يولىدا كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرىنىڭ تەقدىرلەشكە ئەرزىيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1923099
گوللاندىيە: تۈركىيەنىڭ تىرىشچانلىقلىرى تەقدىرلەشكە ئەرزىيدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇتتې، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، تۈنۈگۈن، دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئېلىپ بارغان تېلېفون سۆھبىتى ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتۈم. ئۇرۇش مەزگىللىرىدە قويۇق ئالاقە قىلىش ياخشى. تۈركىيەنىڭ <ئاشلىق كېلىشىمى> نىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىش يولىدا كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرى تەقدىرلەشكە ئەرزىيدۇ. چۈنكى بۇ يەرشارىۋى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. بىز يەنە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئىچىدىكى ھەمكارلىق ۋە رايوندىكى ئۆزگىرىشلەر توغرىلىقمۇ سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر