رۇسىيەدە قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەردى
رۇسىيەنىڭ كراسنودار رايونىغا جايلاشقان كرىمسىك شەھىرىدە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 3 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
1910917
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەنىڭ « Ria» ئاگېنتلىقىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنى مەنبە كۆرسىتىپ خەۋەر قىلىشىچە، 66 ياشلىق بىر كىشى، كرىمسىك شەھىرىدىكى بىر ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىگە نامەلۇم سەۋەب بىلەن قوراللىق ھۇجۇم قىلغان.
ھۇجۇمدا مەركەزنىڭ 2 ئامانلىق ساقلاش خادىمى قازا قىلغان.
زوراۋاننىڭ نەق مەيداندىن كېتىۋېتىپ كوچىلاردىكى كىشىلەرگە ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە 1 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان.
زوراۋان، كېيىنچە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان.