ئامېرىكادا 10 نەپەر خىتاي جاسۇسى سوت قىلىندى

خىتايغا چېتىشلىق دېلولاردا جەمئىي 13 كىشى تۈرلۈك جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەنەەن بولۇپ، فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) نىڭ دىرېكتورى كىرىس ۋراي بۇ كىشىلەردىن 10 نەپىرىنىڭ خىتاي ئىستىخبارات خادىملىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1897159
ئامېرىكادا 10 نەپەر خىتاي جاسۇسى سوت قىلىندى
abd-çin.jpg
casus.jpg
pegasus casus yazilim.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا 2 نەپەر خىتاي ئىستىخبارات خادىمىنى ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق، خىتاي مەركەزلىك شىركەت توغرىسىدىكى ھۆججەتلەرنى ئوغرىلاش، ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) خادىمىغا پارا بېرىش ئارقىلىق «ئادالەتكە توسقۇنلۇق قىلىش» بىلەن ئەيىبلىدى.

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى خىتايغا مۇناسىۋەتلىك 3 ئوخشىمىغان دېلوغا قارىتا ئەيىبلەشلەرنى ئېلان قىلدى.

باياناتتا، گۇچۈن خې ۋە جېڭ ۋاڭ ئىسىملىق ​​2 نەپەر خىتاي جاسۇسىنىڭ نيۇيوركتىكى بىر خىتاي شىركىتى ھەققىدىكى دېلوغا مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرنى ئوغرىلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، بۇ جاسۇسلارنىڭ ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI)  خادىمىغا 61 مىڭ دوللارلىق بىت تەڭگىسى پارا بەرگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

سوراق قىلىنغان جاسۇسلار ھەققىدە «ئادالەتكە توسقۇنلۇق قىلىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبنامە تەييارلاندى.

خىتايغا چېتىشلىق باشقا دېلولاردا جەمئىي 13 كىشى تۈرلۈك جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەندى.

فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) نىڭ دىرېكتورى كىرىس ۋراي بۇ كىشىلەردىن 10 نەپىرىنىڭ خىتاي ئىستىخبارات خادىملىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا شىركەتنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنمىدى، ئەمما ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىدىكى خەۋەرلەردە مەزكۇر شىركەتنىڭ «خۇاۋېي» ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر