تېھراندا تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن ماخسا ئەمىنى نامايىشلىرى يېرىم كېچىگىچە داۋاملاشتى

پايتەخت تېھراندىكى دىندارلار زىچ ئولتۇراقلاشقان تېھران پارس رايونىدا، نامايىشچىلار ئەخلەت ساندۇقلىرىنى كۆيدۈرۈپ، قاتناش يوللىرىنى توسۇۋېلىپ شوئارلارنى توۋلىدى.

1890278
تېھراندا تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن ماخسا ئەمىنى نامايىشلىرى يېرىم كېچىگىچە داۋاملاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نامايىشچىلار ئەبۇزەر كوچىسىدىكى ھۆكۈمەت لوزىنكىلىرىنى كۆيدۈردى، شەھەرنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدىكى كوچىلارغا ئەخلەت ساندۇقى بىلەن توساقلارنى ئورنىتىپ، بەزى جايلارغا ئوت قويۇپ بەردى.

تېھران قاتارلىق دۆلەتنىڭ نۇرغۇن شەھەرلىرىدە نامايىشلار يېرىم كېچىگىچە داۋاملاشتى. ئۇنىۋېرسىتېتلاردىمۇ نامايىشلار توختاپ قالمىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى IRNA نىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، كېچىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە <خەلق ئەسكەرلىرى ئەترىتى> دەپ بىلىنىدىغان باسىك ئەزاسى سالمان ئامىر ئەھمەد تېھراننىڭ 17 - رايونىدا يۈز بەرگەن سۈركۈلۈشتە بېشىدىن يارىلىنىپ قازا قىلغان.

تېھراندا ماخسا ئەمىنىنىڭ قاماقتا قازا قىلىشى پۈتۈن ئىران مىقياسىدا خەلقنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان ئىدى.

ماخسا ئەمىنىنىڭ 17 – سىنتەبىردە ساكزىز شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن دەپنە مۇراسىمىدىن كېيىن باشلانغان نامايىشلار دۆلەتنىڭ نۇرغۇن شەھەرلىرىگىچە كېڭەيگەن ئىدى.

ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيىسى 24 - سېنتەبىردە زوراۋانلىققا ئايلانغان نامايىشلاردا بىخەتەرلىك قىسىملىرى ئەزالىرىنىمۇ قوشقاندا جەمئىي 41 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر